باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كۆرۈلدى

2018.11.01 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ۋە جۇڭگو پولات- تۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىز داۋاملىق تۈردە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى، ئېنېرگىيە ئىستېمالى ۋە پولات- تۆمۈر بازىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇش نەتىجىسىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ھەمدە مۇۋاپىق ئارىلىق داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن سانى 11 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 100 مىڭ كىشى كۆپەيگەن.

  پۈتۈن مەملىكەتتە ئېنېرگىيە سەرپىياتى داۋاملىق ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئېشىپ، ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى، ھەمدە ئالتە يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  پولات-تۆمۈر بازىرىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج بالانسى ئاساسەن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولدى، ساھەلەرنىڭ ئايلىنىش جەريانى مىسلىسىز مۇقىم بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى داۋاملىق ياخشىلاندى، جۇڭگو پولات-تۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىدىكى پولات-تۆمۈر كارخانىسىنىڭ سېتىش كىرىمى 3 تىرىليون 60 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  دۇنيا بانكىسى 31- چېسلا كەچتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنىڭ دۇنيا بويىچە تىزىلغان ئورنىنى بىر قېتىمدىلا 32غا ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتى «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولدى»، دەپ ماختىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر