- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەي ۋېنلى ۋە بەي شاڭچۈننى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى
2018.11.01 15:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەي ۋېنلىنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگىنىغا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەي ۋېنلىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارىنى چىقاردى.
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى بەي شاڭچۈننىڭ پارا ئېلىش ۋە خىيانەتچىلىك قىلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگىنىغا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتى ۋە خىيانەتچىلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن بەي شاڭچۈننى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارىنى چىقاردى.دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر