باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تۈرلۈك كېلىشىملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

2018.10.31 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزى كومىتېتى يېقىندا مۇنۇلارنى قارار قىلدى: پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئىمزالىغان تۈرلۈك كېلىشىملەرگە ئەمدى ئەمەل قىلمايدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ماسلىشىشىنى توختىتىدۇ.

  پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىكى چېگرا ئاساسىدا قۇرۇلغان، شەرقىي يېرۇسالېم پايتەخت قىلىنغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغانغا قەدەر ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.

  مەركىزى كومىتېت يەنە مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق شەكىلدىكى خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ماسلىشىشنى توختىتىمىز ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان «ئىقتىسادى باغلىنىش»نى بوشىتىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ ۋاقىتلىق ھوقۇق ئورگىنى مەزگىلىدىن تەدرىجىي ئۆتۈپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئاساسىنى سالىمىز.

  باياناتتا: ئىسرائىلىيە ئىمزالانغان تۈرلۈك كېلىشىملەردىكى مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلمىغانلىقتىن، ئۆتكۈنچە مەزگىلنىڭ ئەمدى كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىشىپ يۇقىرىقى قارارنى چىقاردۇق دېيىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر