- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈز بىمارنى ئۆلتۈرگەن گېرمانىيەلىك سېسترا سوتلاندى
2018.11.01 17:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيەنىڭ سابىق سېستراسى نېلىس خېگىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيەدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى. تەپتىش دائىرىلىرى خېگىل 2000-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، تۆۋەنكى ساكسونىيە ئىشتاتىنىڭ ئولدېنبۇرگ شەھىرى، دېلمېنخورست شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلىگەن مەزگىلىدە تەخمىنەن يۈز بىمارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن دەپ شىكايەت قىلدى، ئۇ دېلو ئوبيېكتلىرىنى خالىغانچە تاللاپ، ئۇلارغا يۈرەك زەئىپلەشتۈرىدىغان ياكى باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى قوزغايدىغان ئەجەللىك دورىلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان، ئارقىدىن ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ قۇتقۇزۇش جەريانىدىن ھۇزۇرلانغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭى 96 ياش، ئەڭ كىچىكى 34 ياش ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 2015-يىلى خېلىلغا ئىككى قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە كۆپ قېتىملىق مەقسىتىگە يەتمىگەن قەستلەش جىنايىتى سادىر قىلغان دەپ كېسىم چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر