باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دانىيە ئىراندىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2018.11.01 17:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى دانىيەنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بۇ ئىشنى ئۇقتۇردى.

  دانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى سامۇئېلسېن مۇنداق دېدى: مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك تارمىقى دانىيە زېمىنىدا مەلۇم شەخسكە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇنى تامامەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش ئەلچىمىزنى چاقىرتىش ئىنتايىن كەسكىن دىپلوماتىيە ھەرىكىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاتتىق جازا قوللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن، دانىيە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بۇ ئىشنى ئۇقتۇردى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ دانىيەدىكى باش ئەلچىسى بىلەن سۆزلەشتى، ئىران دانىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلدى.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، دانىيە بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيە ھەمدە نورۋېگىيە ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان، ھۇجۇم قىلىشقا چېتىشلىق بىر كىشى شىۋېتسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى گوتېبرگتا قولغا ئېلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر