باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سىدىفىن بىگېن كورېيەدە زىيارەتتە بولدى

2018.11.01 17:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتىگە مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى سىدىفىن بىگېن 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە كورېيەدە زىيارەتتە بولۇپ، كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ چاۋشيەن ئىشلىرىدىكى «قەدىمى»نى ماسلاشتۇردى.

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىگېننىڭ ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن سۆھبىتىگە ھاياتى كۈچ قوشۇش، چەتئەلنىڭ ئامېرىكا بىلەن كورېيە ئارىسىدا ئىختىلاپ بار دېگەن گۇمانىنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىپىسى بار ئىكەن.

  بىگېن چاۋشيەن-كورېيە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش توختىتىش خىتابنامىسى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى قارالمىسى توغرىسىدا كورېيە ئەمەلدارىغا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ 70 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇش ھەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى دۈشمەنلىشىشكە خاتىمە بېرىش. بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتنى چاۋشيەن پۈتۈنلەي، ئاخىرى، ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر