باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتى دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2018.11.02 13:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتى دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى قەدىمى تېزلىتىلىپ، مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت سۇپىسىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىلىپ، خىزمەت كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كۆرۈنەرلىك باسقۇچلۇق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتىدە يەنىلا بەزى پەرقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىگە بېسىم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ نىشان يۆنىلىشى ۋە خىزمەت ئورنىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىيۋىلىكى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. چوقۇم «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك. سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىش ئاساسىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇزۇش بىلەن تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۆۋەتتىكى ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئالغا سىلجىتىش دەرىجىسى، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېگى- تەكتى ئېنىق بولۇش، ئەھۋال ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئاساستا يۇقىرى قاتلامدىن ياخشى لايىھەلەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىشى، بولۇپمۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى دىققەتنى داۋاملىق «تۆتلىشىپ كېتىشنى تۈگىتىش»، سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىش تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر