باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسى كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقتى

2018.11.05 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارالىق قەرەللىك ژۇرنال «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسى كېسىلىنىڭ سەۋەبىگە ئائىت تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەتقىقاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت شار ئاقسىلىدا قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسىنىڭ يۇقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۋېتىدىغان مولېكۇلالىق ئۆزگىرىش مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىممۇنىتېتلىق B ھۈجەيرىسىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشقا قاتنىشىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى بىر خىل ئادەتتىن تاشقىرى ئىممۇنىتېتلىق مولېكۇلا بولسا قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

  قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسى بولسا بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس بولغا كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمى ئېنىق بولماسلىق، داۋالاش قىيىن بولۇش، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى كەم بولۇش تۈپەيلىدىن يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش تەس. ئۇنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىش ئىزچىل ئىممۇنىتېت ئىلىمى ۋە رېۋماتولوگىيە تەتقىقاتىدىكى قىيىن نۇقتا بولۇپ كەلدى. بۇ تۈرلۈك تەتقىقات قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسى بىمارلىرىنىڭ دەل جايىدا داۋالىنىشىنى ئېنىق نىشان ۋە نەزەرىيە ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسىنىڭ ئىرسىيلىك يۇقىشىنى ئىممۇنىتېتلاش ساھەسىدە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سىستېمىسىنى نىشانلىق داۋالاش ئارقىلىق تولۇق ساقايتىشتا ئۈمىد بار بولدى.

  بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىممۇنىتېت ئىلىمى تەتقىقاتخانىسىدىكى ليۇ ۋەنلى كوللېكتىپى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى رېماتىزم ئىممۇنىتېت بۆلۈمىدىكى لى جەنگو كوللېكتىپىدىكىلەر ئورتاق تاماملىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر