باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادادا بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان ھاۋادا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن چۈشۈپ كېتىپ بىر ئادەم ئۆلدى

2018.11.05 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى ئايروپىلان 4- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كانادا پايتەختى ئوتتاۋانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئىككى ئايروپىلاندىن كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلاندىكى بىر نەپەر ئۇچقۇچى قازا قىلغان.

  كانادا ساقچى تەرەپ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداننى قامال قىلىۋېلىپ تەكشۈرمەكتە ئىكەن. شۇ جايدىكى نەق مەيداندىكىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقاندا، يەنە بىر ئايروپىلان بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.

  كانادا قاتناش بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ ۋەقە ئوتتاۋانىڭ غەربىي قىسىمىدىكى كاپ ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان 11 كىشىلىك قوش موتورلۇق يەنە بىر ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسى ئاستى قىسىمىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، كاپ ئايرودۇرۇمىغا تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ئېتىزغا چۈشۈپ كەتكەن. 11 كىشىلىك قوش موتورلۇق ئايروپىلاننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇچۇش-قونۇش جازىسى بۇزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوتتاۋا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بىخەتەر قوندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر