باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-ماراكەش دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2018.11.02 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- نويابىر ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ماراكەش يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن ئاخىر ساغلام راۋاجلاندى. 2016-يىلى جۇڭگو- ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر مول بولدى، مەن بۇنىڭدىن بەك رازى. مەن جۇڭگو-ماراكەش مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى پۇختىلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش رامكىسىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر