سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، رىۋاندا پايتەختى كىگالىدا، ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن (سولدا) بىلەن رىۋاندا زۇڭتۇڭى پائۇل كاگامى بىرلىكتە باشلىنىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەلى بابا گۇرۇھى بىلەن رىۋاندا ھۆكۈمىتى 31-ئۆكتەبىر رىۋاندا پايتەختى كىگالىدا دۇنيا ئېلېكتىرون سودا سۇپىسى (eWTP)نى قوزغاتتى، بۇ، مەزكۇر تەشەببۇسنىڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2016-يىلى، ئەلى بابا گۇرۇھى دۇنيا ئېلېكتىرون سودا سۇپىسى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىپ، يەرشارى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سودىسى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورى دەۋرىدىكى يەر شارىلاشقان سودا يېڭى قائىدىسىنى يېتىشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى