باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇخلاشتىن ئاۋۋال، پەردىنى قىيا ئېچىپ قويۇڭ

2018.11.01 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىپ بەرسە، بەدەندىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنى تەڭشەشكە ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. ئەمما، ھەر كۈنى ئەتىگەندە سىرتقا چىقىشقا كەلسەك، بۇنى ھەممە ئادەم قىلىپ بولالمايدۇ. تەيۋەن «ساغلاملىق» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەرگە مۇنداق تەكلىپ بېرىلگەن: ئۇخلاشتىن ئاۋۋال، يورۇقلۇق توسىدىغان پەردىدا 10 سانتىمېتىر يورۇق ئارىلىقى قويۇپ قويۇش كېرەك.

  ئۆينىڭ ئىچىنى قاراڭغۇراق قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئائىلىلەردە يورۇقلۇق توسىدىغان پەردە ئىشلىتىدۇ، چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا، تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ ۋە ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ راھەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى، پەقەت ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، قۇياش نۇرىدىن ئوبدان بەھرىمەن بولغاندىلا، ئاندىن كەچتە ياخشى ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر يورۇقلۇق توسىدىغان پەردە تاڭ نۇرىنى توسۇۋېلىپ، بەدەن كۈن نۇرىنى قوبۇل قىلالمىسا، بەدەن ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاسان ئويغىنىش تەس بولىدۇ.

  دېرىزە پەردىسىنى تاللىغاندا، يىپەك پەردە ياكى ئاددىي رەخت پەردىنى تاللاش كېرەك، ئىمكانقەدەر يورۇقلۇق توسىدىغان قېلىن دېرىزە پەردىسىنى تاللىماسلىق كېرەك. ئەگەر يورۇقلۇق توسىدىغان دېرىزە پەردىسىنى ئاللىبۇرۇن سېتىۋېلىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇنى تولۇق يېپىۋەتمەڭ، ئاز دېگەندە 10 سانتىمېتىر يورۇقلۇق بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويۇڭ، بۇنداق بولغاندا، ئۆيگە تاڭ نۇرى كىرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر