- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندونېزىيە: ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندا بوشلۇقتا پارتلاش ئەھۋالى يۈز بەرمىدى
2018.10.31 15:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھىندونېزىيە شىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 189 يولۇچى ئولتۇرغان دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى پايتەخت جاكارتادىن ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. تۈنۈگۈن سەھەرگىچە، قۇتقۇزغۇچىلار نۇرغۇن جەسەتنى سۈزۈۋالدى. ھىندونېزىيە ئەمەلدارى: ئايروپىلان دېڭىز يۈزىگە تېز سۈرئەتتە سوقۇلۇپ پارچىلاندى، تۆۋەنگە چۈشۈش جەريانىدا بوشلۇقتا پارتلاش ئەھۋالى يۈز بەرمىدى دېدى.
بۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇنداق دېدى: بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جەسىتى جاكارتادىكى دۆلەتلىك ساقچى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ سالاھىيىتى ئېنىقلىنىدۇ. بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز 169 كىشىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى جاكارتاغا ئېلىپ كەلدۇق. ھىندونېزىيە ساقچى دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: جەسەت پارچىلىنىپ كەتكەنلىكتىن، سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش جەريانى تەسلىشىشى مۇمكىن.
جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ: ھازىرغىچە، ئەلچىخانىمىز بۇ ئايروپىلاندا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىدى دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر