باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەكلىپ پىكىر بەردى

2018.11.05 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «‹بىر بەلباغ، بىر يول› ۋە جۇڭگو-ياپونىيە ھەمكارلىق قېلىپى» باش تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو-ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ھەمدە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئىجابىي تەكلىپ پىكىر بەردى.

  ياپونىيە فۇجىتسۇ باش تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جىن جيەنمېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن يول بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، تەشەببۇس چېتىشلىق بولغان دائىرە ۋە ساھەلەرمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بۇ تەشەببۇس ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەمكارلىق سەھنىسىگە تەدرىجىي ئايلاندى.

  ياپونىيە شوكۇمىنچىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جۇ يەن: جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا قانات يايدۇرغان ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقى تەڭ نەپ ئالىدىغان تاللاش دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر