باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىز جۇڭگو چوڭ بازىرىدىكى بۇ كەڭ پۇرسەتنى قولىمىزدىن بېرىپ قويساق بولمايدۇ»

--خەلقئارادىكى زاتلار تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىزار بولۇشتى

2018.11.05 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلىپ، 10- چىسلاغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىمپورتنى ئاساسىي تېما قىلىپ ئېچىلغان چوڭ تىپتىكى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۇلارغا ئۈمىت بەخش ئەتتى. گېزىتىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان چەتئەل ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىس ئالىملار مۇنداق دەپ قاراشتى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئەركىن سودىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىر يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  بۇ كۆرگەزمە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى مەيدانى ۋە ئىشەنچىسى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتىنى دۇنياغا نامايان قىلدى. رۇسىيەنىڭ سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گېنىس • مانتۇروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى مۇھىم كۆزنەك بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدە رۇسىيە-جۇڭگو سودىسىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى پۇرسەت بولۇپ قالدى.

  ئاۋسترىيە سان-سىفىرلار ۋە ئىقتىسادىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مارگېرىتې شرانبەگ شاڭخەيگە كېلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ، ھەمدە ئاۋسترىيە سارىيى يوپۇقىنى ئاچىدۇ. «جۇڭگو ھازىر ئاۋسترىيەنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەڭ مۇھىم بازارلارنىڭ بىرى.بىز جۇڭگو چوڭ بازىرىدىكى بۇ كەڭ پۇرسەتنى قولىمىزدىن بېرىپ قويساق بولمايدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە، شۈبھىسىزكى، ياۋروپادىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ يېڭى سۇپا. ئاۋسترىيە ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى. مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى،بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەمدە بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئارقىلىق، ئاۋسترىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئاۋسترىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەيمىز.

  "مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى كۆرگەزمىگە قاتناشماقچى بولغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.» ۋېنگىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كوۋاچ • ۋىكتورىيە مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە بۇ كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولغانلىقىدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ. بىز، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئارقىلىق، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا ۋېنگىرىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىمىز. ۋېنگرىيەمۇ جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر