باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى: ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئىرانغا نىسبەتەن ئىناۋەتسىز

2018.11.05 09:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىينىيى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى تېھراندا سۆز قىلغاندا: ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئىرانغا نىسبەتەن ئىناۋەتسىز دېدى.

  ھامىينىيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جازالاشتىكى مەقسىتى ئىراننىڭ ئىقتىسادىنى ئاجىزلىتىش، بىراق بۇ ئىراننى ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ئىران بارلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشقا كۆندى، ھازىر ئىران بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. 40 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئىزچىل داۋاملاشتى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ھەربىي ئۇرۇش، ئىقتىسادى ئۇرۇش ۋە تاراتقۇ ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ۋاسىتىلەرنى قوللاندى.

  ھامىينىيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئىران پەھلەۋى خاندانلىقى مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قايتىدىن تىكلەش، بىراق بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. 40 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئىزچىل مەغلۇپ بولۇپ كەلدى، ئىران بولسا ئىزچىل غەلىبە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر