باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ھازىر دوختۇرخانا باشلىقىلىققا پۈتۈن يەر شارىدىن خادىم تەكلىپ قىلىنماقچى

2018.11.07 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، بېيجىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە: يېقىندا، «بېيجىڭ شەھىرى دوختۇرخانا باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۇرغۇزۇش» پىلانىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئادەم تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن ھالدا دوختۇرخانىنىڭ باشلىقىلىققا پۈتۈن دۇنيادىن خادىم تەكلىپ قىلىش پىكرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ھەمدە ئىش ئورنى نىشانى ۋە ۋەزىپە تەلىپىگە ئاساسەن، خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش ئاساس قىلىنغان ھالدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يىللىق مائاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئۇ رەھبىرى خادىملارنىڭ يىللىق ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان قىلىپ تەڭشەپ، تەكلىپ قىلىنغان ئۇ خادىملارنى ھۆكۈمەت مالىيە يوللىرىدىن ھەل قىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

  لايىھەدە، دوختۇرخانا باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا 25 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بېيجىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ يىپىڭ مۇنداق دېدى: لايىھەدە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى قۇرغۇچىلار نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەمدە ئىلىمى ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ھەم زامانىۋى بولغان دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق بولغان تۈزۈم ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر