باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئۇن جۇڭگو-چاۋشيەن ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇنجى مەيدان بىرلەشمە ئويۇنىنى كۆردى

2018.11.06 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن پىيوڭياڭدا جۇڭگو-چاۋشيەن ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇنجى مەيدان بىرلەشمە ئويۇنىنى كۆردى.

  ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، كىم جۇڭئۇن جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ چاۋشيەن خەلقى ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگو سەنئەتكارلىرىنى دوستلۇق ئالماشتۇرۇش ئويۇنى قويۇش ئۈچۈن چاۋشيەنگە ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ زىيارەت چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ دېدى.

  ئويۇن پيوڭياڭدىكى ۋانسيوتاي سەنئەت تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقى ياخشى كۆرىدىغان ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلارنى بىرلىكتە ئورۇنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر