خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:11 - ئاينىڭ 6- كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنىڭ 3- نۆۋەتلىك قاراپ چىقىلىشىغا قاتناشتى.
شۇ كۈنى، جۇڭگو تەرەپ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنىڭ 3- نۆۋەتلىك قاراپ چىقىلىشىغا قاتناشتى، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، پاكىستان، كۇبا ۋە كامبودژا قاتارلىق 100 نەچچە دۆلەت بەس-بەستە سۆز قىلدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى