11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو (ئارقا رەت سولدا) ۋە مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىن (ئارقا رەت ئوڭدا) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 5- نويابىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئىراننىڭ پۇل مۇئامىلە، تىرانسپورت، ئاۋىياتسىيە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان 700دىن ئارتۇق شەخسلەر، سۇبيېكتلار، ئايروپىلانلار ۋە پاراخوتلارغا قارىتا جازالاشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ 50 بانكىسى ۋە ئۇلارنىڭ چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى شۆبە ئاپپاراتلىرى، ئىران دۆلەت ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى 67 ئايروپىلان ۋە ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى قاتارلىقلار بار. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سەككىز دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئامېرىكا ئىرانغا قارىتىلغان جازالاشنى قايتا باشلىغاندىن كېيىن ئىراننىڭ نېفىتىنى داۋاملىق سېتىۋېلىشىغا ۋاقتىنچە رۇخسەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى