باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» يېقىندا قويۇلدى

2018.11.05 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئالىم خەۋىرى) شىنجاڭدا ئىشلەنگەن زامانىۋى ناخشا- ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» يېقىندا دۆلەت ئىچىدە قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، گۈزەل ۋە نەپىس ئۇسسۇللىرى، تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ فىلىم 11-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي قويۇلدى، توردا بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ فىلىمنىڭ بېيجىڭدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا كۆرۈلۈشى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىنو زاللىرىدا بوش ئورۇن قالمىدى.

  بۇ فىلىمگە يەن چىڭشيۇ، يۈ دېئەن رېژىسسورلۇق قىلغان، 2014- يىلى «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى» پىروگراممىسىنىڭ چېمپىيونى گۈلمېھرە مەمەت ۋە داڭلىق ئۇسسۇلچى ئۈمىد، ياش ئاكتىيور دىلدار رېشات، ئابلىكىم ئابلەت قاتارلىقلار رول ئالغان، داڭلىق ئۇسسۇلچى، رىياسەتچى جىن شىڭ فىلىمدە رول ئالغان بولۇپ، كەسپىي، نەپىس ئۇسسۇللار ۋە شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى ئارقىلىق فىلىمنىڭ بەدىئىي قىممىتى ئاشۇرۇلغان.

  فىلىمدە ئىلگىرى سەنئەت مەكتەپنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ بىر قېتىملىق چەت ئەلگە چىقىپ ئۇسسۇل ئۆگىنىشتىكى تاللاش پۇرسىتى سەۋەبلىك ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ، ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە ئايرىلىپ كەتكەنلىكى، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ قايتىدىن ئۇچرىشىپ، ئۇسسۇل سەنئىتىگە بولغان ئورتاق ئارزۇ سەۋەبلىك يەنە جەم بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

  بەزى فىلىم ئوبزورچىلىرى، «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق بۇ فىلىم جۇڭگو ئىچكىرى رايون كىنوچىلىقىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل بوشلۇقىنى تولدۇردى، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا، باش رولچى گۈلمېھرە، ئۈمىد ۋە جىن شىڭ قاتارلىقلار كونا دوستلار بولۇپ، ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۇسسۇل ماھارىتى ۋە ماسلىشىشى بۇ فىلىمنىڭ نەپىسلىكىنى ئاشۇرغان، كۆرۈرمەنلەرگە بىر قېتىملىق مۇكەممەل بولغان كۆرۈش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر