باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لەنجوۋ-خەيكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لەنجوۋ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى قاتناش ھادىسىسىدە 15 ئادەم قازا قىلىپ، 44 ئادەم يارىلاندى

2018.11.05 14:39   مەنبە: خەلق تورى

لەنجوۋ-خەيكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لەنجوۋ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى قاتناش ھادىسىسىدە 15 ئادەم قازا قىلىپ، 44 ئادەم يارىلاندى

  سۈرەتتە: قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا، بۇزۇلغان ئاپتوموبىللارنى يۆتكەپ ماڭماقتا (3- نويابىر تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، لەنجوۋ - خەيكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لەنجوۋ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى. 4-نويابىر سائەت 5 كىچە، 15 ئادەم قازا قىلىپ، 44 ئادەم يارىلاندى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، لەنجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە داۋالاش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن خادىملار نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆلكە-شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىنى باشلاپ، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى. ج خ مىنىستىرلىقى ۋە جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىمۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كېچىلەپ لەنجوۋغا يېتىپ باردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى