باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جىگەر ئىقتىدارى نورمال تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا راك بولۇپ قالىدۇ؟

2018.11.05 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزىلەر دائىم: «دوختۇر، مېنىڭ جىگەر ئىقتىدارىم نورمال تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا راك بولۇپ قالغاندىمەن؟»، دەپ سورايدۇ. جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشى — پەقەتلا قان ئالغاندا جىگەر ھۈجەيرىسىدە ياللۇغ پەيدا بولمىغانلىقى، توقۇلمىلاردا ئۆلۇش كۆرۈلمىگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا جىگەر ئاللىقاچان قېتىپ قالغان بولۇشى ۋە ياكى جىگەر ئىلگىرى ياللۇغلانغان، ئەمما قان ئالغاندا ياللۇغلىنىش توختىغان بولۇشى مۇمكىن.

  ئەمما جىگەر راكىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، پەقەت راك ھۈجەيرىلىرى ئەتراپتىكى جىگەر توقۇلمىلىرىنى بېسىمغا ياكى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىتىدۇ، ترانسئامىنازا بەلكىم پەقەت يېنىك دەرىجىدە ئۆرلەپ قېلىشى، ھەتتا بەلكىم نورمال بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، كىلىنىكىدا ياكى ئامبولاتورىيەدە تەكشۈرۈش جەريانىدا دوختۇر بىمارلارغا قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ، تەكشۈرۈش قەغىزىگە قارىتا ھەرقايسى جەھەتلەرنى، ھەر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ئۇنىۋېرسال، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئانالىز قىلىش، كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالاش كېرەكلىكىنى، مەلۇم بىر كۆرسەتكۈچنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ ئاساس قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

  جىگەر- ئۆت كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوڭ تيەنچياڭ پىروفىسسورنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىگەر راكىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋاھالەنكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار كىشىلەرنىڭ جىگەر ئىقتىدارى كۆپىنچە ئەھۋالدا نورمال بولىدىكەن. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ، ئېلىپ يۈرگۈچىلەر جىگەر ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرتكەندە، ئەگەر جىگەر ئىممۇنىتېتلىق چىدامچانلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، جىگەرنىڭ ئاساسىي شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، روشەن جىگەر زەخىملىنىش بولمىسا، جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال بولىدىكەن، لېكىن جىگەرنىڭ ئۆزىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرىنى بايقىغىلى بولمايدىكەن. جىگەر ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەر پەقەت جىگەر زەخىملىنىشنىڭ «نەتىجە»سى بولۇپ، جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «سەۋەب»نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن. (تيەنجىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى جىگەر- ئۆت ئۆسمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن چېن پىڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر