باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنيادا بىر ئەر ئاپتوبۇستا شوپۇرنى تەپكەنلىكتىن، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2018.11.05 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنيا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 4-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر قېتىملىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، جاڭ فامىلىلىك 60 ياشلىق بىر ئەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا، بېلەت سېتىۋېلىش مەسىلىسى سەۋەبلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى بىلەن تاكاللاشقان، ئاچچىقىدا شوپۇرنىڭ بىلىكىگە تەپكەن، ئاپتوبۇس كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، يول بويىدىكى تامغا سوقۇلغان. بۇ دېلو سەنيا تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن، سەنيا شەھەرلىك شەھەر ئەتراپى سوت مەھكىمىسىدە بىرىنچى سوت قىلىنغان، سەنيا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئاخىرقى سوت قىلىنغان، بۇ ئەرنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

  بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى ۋە 2-سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى ئورتاق ھالدا مۇنداق قارىدى: جاڭ فامىلىلىك دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى كۆزگە ئىلماي، يول يۈرۈۋاتقان ئاپتوبۇستا زورلۇق ئىشلىتىپ شوپۇرنى ئۇرغان، ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ قىسمەن بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، ئۇنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات ھەقىقىي، تولۇق بولۇپ، قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك، ئەڭ ئاخىرىدا جاڭ فامىلىلىككە مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر