باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇخبىرنىڭ كۆزىتىشى: شى جىنپىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزىدە «ئېچىۋېتىش»نى 52 قېتىم تىلغا ئالدى

2018.11.06 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  11- ئاينىڭ 5- كۈنى، شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولدى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  نۇتۇقتا دۇنياۋىلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا جۇڭگو ھۆكۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشتىكى روشەن مەيدانىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشتىكى قەتئىي تەدبىرىنى شەرھلىدى. «ئېچىۋېتىش» دېگەن سۆز 52 قېتىم تەكرارلاندى.

  دۇنياۋىلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا جۇڭگو ھۆكۈمىنى ئوتتۇرىغا قويدى

  دۇنيا ھازىر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش ۋە زور تەڭشەش ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئۈچ «ئېچىۋېتىش» ئارقىلىق، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئالغا بېسىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  " تارىخنى ئەسلىگەن ھالدىكى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىش بولسا، خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر؛ مەۋقەنى نۆۋەتتىكى ئەمەلىيەتكە توغرىلىغان ھالدىكى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىش بولسا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ھالدا ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال تەلىپىدۇر؛ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغان ھالدىكى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىش بولسا، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر تەلىپىدۇر.

  شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى تەھلىل قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىپ، «ئېچىۋېتىش» بولسا، بىر خىل ئاقىلانە تەدبىردۇر، دەپ كۆرسەتتى.

  ھەرقايسى دۆلەتلەر توسۇقلارنى ئازايتىپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتسە، خەلقئاراۋى ئىقتىساد-سودا راۋانلىشىدۇ؛ ئەگەر قوشنىسىغا ئورا كولاپ، ئۆزىنى قامىۋالسا، خەلقئاراۋى ئىقتىساد-سودا توختاپ قالىدۇ، ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشتا چىڭ تۇرۇشى، ئۆزىنى قامىۋالماي، ھەمكارلىشىشى، قارشىلاشماي، ئورتاق پايدا ئېلىشلىرى، ھەمدە يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەك.

  ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىش ۋە ئالاقە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئېچىۋېتىش دۆلەتنى ئىلگىرىلىتىدۇ، بېكىنمىچىلىك بولسا، دۆلەتنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپلىك مەسلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزئارا بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق بولغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشلىرى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئادىل، مۇۋاپىق ۋە ئاشكارا بولغان خەلقئاراۋى ئىقتىساد-سودا قائىدىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشلىرى، سودىنى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇشلىرى، ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە بىرلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر