باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى ھەر قايسى جايلاردىكى پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن مەسىلىلەرنى توپلاش مەخسۇس رايونى ئاچتى

2018.11.06 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە پۇقراۋى ئىگىلىك ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش لازىم، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ئالايىتەن: «بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرى چوڭ كارخانىلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، چوڭلىرى كىچىكلىرىنى بوزەك قىلىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشى كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى.

  قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش، نەپ بەرمىسە قىلماسلىق... پۇقراۋى كارخانىلار ھەر قايسى جايلاردا قانداق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتىدۇ؟ خەلق تورىنىڭ «يەرلىك رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتى»دە يولۇققان مەسىلىلەر ۋە گاڭگىراشلارنى قالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، مەسىلىڭىز دەرھال جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «بىرىنچى قول» رەھبەرلىرىنىڭ ئۈستىلىدە نامايەن بولغۇسى.

  بۇ يەرنى چېكىپ، سۆز قالدۇرۇڭ.

  يەنە ئۈستىىدىكى سۈرەتتىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلاپ سۆز قالدۇرۇشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر