خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «يېڭىلىق يارىتىشچان، سىغدۇرۇشچان ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتتە سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش خەلقئارا ئىقتىساد-سودا پائالىيىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى؛ مەۋقەنى بۈگۈنگە قارىتىدىغان بولساق ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ رېئال تەلىپى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ دەۋر تەلىپى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ.
11-ئاينىڭ باشلىرىدىكى شاڭخەيدە ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولۇپ، كۈزنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى. شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسلىق مەيدانىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان، دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا، سالۋادور زۇڭتۇڭى سانچېز، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا، لىتۋا زۇڭتۇڭى گىرباسكېيت، كىرودىيە زۇڭلىسى پۇليەنكوۋىچ، مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى، گىرۇزىيە زۇڭلىسى باختادزې، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن، مالتا زۇڭلىسى مۇسكات، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف، ۋىيېتنام زۇڭلسى رۇەن چۈنفۇ، ئەنگلىيە يورك كىنەزى شاھزادىسى ئاندرېۋ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارد، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازىۋېدو قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە، خەلقئارانىڭ سودا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت. بۇ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، ئەركىن سودىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىزچىل مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى قوللاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش مۇقەررەر تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ئايلاندى. دۇنيا ئىقتىساد ئەندىزىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى