باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت مىنىستىرلىق- كومىتېت پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا باغچىسى ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى باج ئېتىبار سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

2018.11.06 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 5- چېسلا خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت تۆت ئورۇن بىرلىشىپ «پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا باغچىسى ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى باج سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2021- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئۈچ يىل ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئالىي مەكتەپ پەن تېخنىكا باغچىسى ۋە دۆلەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىغا قارىتا، ئۆزى ئىشلىتىدىغان ۋە ھەقسىز ياكى ئىجارە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتىغا ئىشلىتىدىغان ئۆي ۋە يەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆي- جاي ۋە شەھەر ـ بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ؛ مۇلازىمەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتىغا يېتىشتۈرۈش بازىسى مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمى بىلەن تەمىنلەپ، قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن بېكىتىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئالىي مەكتەپ پەن تېخنىكا باغچىسى 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن باجدا ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن بېكىتىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا باغچىسى ۋە دۆلەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، بېكىتىلگەن كۈندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن باجدا ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلار، سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن باجدا ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن توختىتىلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پەن-تېخنىكا، مائارىپ ۋە باج تارماقلىرى ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا باغچىسى ۋە دۆلەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئۆز ۋاقتىدا تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر