باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ب د ت يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى خەلقئارا كومىتېتىنىڭ 13- نۆۋەتلىك يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.11.06 12:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى خەلقئارا كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك يىغىنى 5- نويابىر شەنشىنىڭ شىئەندە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى مۇھىم بولغان بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كىلىماتلىق دەل ۋاقىتلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئۇچۇر كاپالىتىدۇر. بۇ يىل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالەم بوشلۇقى يىغىنىنىڭ 50 يىللىقى، ھەرقايسى ئەللەر سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاشنىڭ يەر شارىلاشقان قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاشنىڭ ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. يەتىكەن سىستېمىسى جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، يەتىكەن سىستېمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا يۈزلىنىپ مۇلازىمەتنى باشلايدۇ، 2020-يىلى مۇلازىمەت دائىرىسى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلايدۇ، 2035- يىلىدىن بۇرۇن يەنە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال بوشلۇق سىستېمىسىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى ئەللەر بىلەن يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يەر شارىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر