خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- نويابىر شاڭخەيدە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىخانىنى كۆزدىن كەچۈردى.
چىڭقى چۈشتە، شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە دۆلەت سودا مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە زالىغا كىردى. ئۇلار ئايلانغاچ بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ، ۋېنگرىيە، مىسىر، ئەنگلىيە، چېخ، كېنىيە، سالۋادور، دومىنىكا، لائوس، گرۇزىيە، ۋىيېتنام، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىساد-سودا تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئالاھىدە ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرى بىلەن تونۇشتى. شى جىنپىڭ ۋە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق ۋېنگرىيەنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى؛ مىسىرنىڭ ئۇزاق مەدەنىيىتى ۋە زامانىۋى تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن تونۇشتى؛ ئەنگلىيە سارىيىدىكى كۆزئەينەكسىز D3 سىننى بىللە كۆردى. چېخ سارىيىدا، زۇڭتۇڭ زېمان چېختا ئىشلەنگەن پىيانىنو بىلەن مۇزىكا چىلىپ بەردى ھەمدە شى جىنپىڭنى چېخ پىۋىسىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. كېنىيەنىڭ گۈللىرى، سالۋادور قەھۋەلىرى، دومىنىكانىڭ مېۋە-چېۋىلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو- چەت ئەل رەھبەرلىرىنى جەلپ قىلدى. گىرۇزىيە زۇڭلىسى ۋە ۋىيېتنام زۇڭلىسى شى جىنپىڭغا ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى. لائوس سارىيىدىكى جۇڭگو-لائوس تۆمۈريول تۈرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى مودېلى ۋە پاكىستان سارىيىدىكى جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كۆرگەزمە تاختىسىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو-لائوس، جۇڭگو-پاكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇسى نامايان قىلىندى. رۇسىيە سارىيىدا، شى جىنپىڭ زۇڭلى مېدۋېدېۋنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو- رۇسىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر، تەبىئىي گاز، ئايروپىلان ياسىمىچىلىقى، يەرلىك ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، جۇڭگو- رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا بىرلىكتە نەزەر سالدى.
شى جىنپىڭ قىزىقىپ كۆردى ھەمدە ئارىلاپ سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى دۆلەتنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۆزگىچە ئىكەن. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىنى موللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى