باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقلىرى قانىلى ئىشلىگەن ئالاھىدە خەۋەر

ئابدۇشۈكۈر مىجىت: «ۋەتەننىڭ شان-شەرىپى ھەممىدىن ئەلا»-شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ يادنامىسى

خەلق تورى مۇخبىرى مۇستافا شاۋكەت

2018.11.06 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق قوي فېرمىسىدا تۇغۇلغان. بالىلىق ھاياتى ساربۇلاق قوي فېرمىسىدا ئۆتكەن. 10 يېشىدىن باشلاپ قورغاس ناھىيەسىدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ، 1989-يىلى ئەينى چاغدىكى ئىلى ۋىلايەتلىك (ھازىر ئىلى ئوبلاستى) بوكس كوماندىسى قۇرۇلغاندا، 1-تۈركۈمدىكى تەنھەرىكەتچى بولۇپ كوماندىغا تاللىنىپ، بوكس ھاياتىنى باشلىغان. ئابدۇشۇكۈر مىجىت شىنجاڭ بوكسچىلىقىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى ئالغۇچى ھەم شۇنداقلا شىنجاڭدىن چىققان تۇنجى «جۇڭگو بوكس شاھى». نۆۋەتتە ئۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرىنېرى، دۆلەتلىك ئەرلەر بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ مۇخبىرى مۇستافا شاۋكەت 2018-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا بېرىپ، ئابدۇشۇكۈر مىجىت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. تۆۋەندە سۆھبەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  مۇخبىر: ياشلىق-ئۆسمۈرلۈك ھاياتىڭىزدا بوكسچىلىققا قانداق قىزىقىپ قالغان؟ قانداق بولۇپ بوكس يولىغا ماڭغان ئىدىڭىز؟

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت: بىز ياشلىق-ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمىزدا مەكتەپتە پۇتبول، ۋالىبول قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتۇق. مەن ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، بالىلىق ھاياتىم ساربۇلاق قوي فېرمىسىدا ئۆتكەن. بىز ياشلىق-ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمىزدا بوكس ھەرىكىتىنى پەقەت تېلېۋىزوردىن كۆرگەن، نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرۈش، بوكس مەشىق قىلىش دېگەنلەر ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمىزدا بولمىغان. بوكس ھەرىكىتى مەملىكىتىمىزدە 1986-يىلىدىن باشلاپ ئومۇملاشقان دېسەكمۇ بولىدۇ، مەملىكىتىمىزدە 1988-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن 1989-يىلىغا بارغاندا، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك بوكس كوماندىسى قۇرۇلۇپ، ئىلى ۋىلايەتلىك بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جۇڭ خېئىن بىزنىڭ قورغاس ناھىيەسىگە ۋىلايەتلىك بوكس كوماندىسىغا ئادەم ئالغىلى كەلگەنىكەن. 1989-يىلى 11-ئايدا، ھېلىمۇ ئېسىمدە. مەكتىپىمىزدىكى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى، سىنىپ تەربىيىچىمدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مېنى كۆرۈپ، كوماندىسىغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا مەن تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان، ئوقۇشۇممۇ سىنىپتا خېلى ياخشى بولۇپ، ئاپام مېنى بوكس بىلەن شۇغۇللىنىپ زەخىملىنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، بوكس كوماندىسىغا بېرىشىمغا پەقەت ئۇنىمىغان. جۇڭ خېئىن تىرېنېر ئۈچ ئاي ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدىن ئۈچ قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، ئاخىرىدا ئاپامنى قايىل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئىلى ئوبلاستلىق بوكس كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، بوكس ھاياتىمنى باشلىغان. 1990-يىلىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋە چېمپىيون بولغان، بۇ ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۇنجى بولۇپ بوكس تۈرىنىڭ تەسس قىلىنىشى ئىدى. شۇ يىلى مەن ھەم شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا، مەن ئىشتىن سىرتقى كوماندىدا مەشىق قىلىپ، 93-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مىس مېدالغا ئېرىشتىم. 94-يىلى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى رەسمىي قۇرۇلدى، مەن شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا بىرىنچى تۈركۈم تەنھەرىكەتچى بولۇپ قوبۇل قىلىندىم.

  مۇخبىر: كەسپىي بوكس ھاياتىڭىزدىكى ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ باقامسىز؟

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت: 89-يىلى سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك بوكس كوماندىسىدا بوكس ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 90-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىدا 86 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردۈم؛ 93-يىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە، شىنجاڭ ئىشتىن سىرتقى بوكس كوماندىسىغا ۋەكالىتەن، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مىس مېدالغا ئېرىشتىم؛ 94-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسى رەسمىي قۇرۇلدى. شۇ يىلى، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۈم؛ 95-يىلى مەملىكەتلىك سەرخىللار بوكس مۇسابىقىسىدە، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۈم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولۇشۇم، شۇنداقلا شىنجاڭ بوكس كوماندىسى تارىخىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدال ئىدى.

  96-يىللىق مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە قوش چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۈم ۋە 96-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك بوكس شاھىلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىپ «جۇڭگو بوكس شاھى» نامىغا ئېرىشىپ، ئالتۇن كەمەرنى قولغا ئالدىم؛ 97-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئېرىشتىم؛ 97-يىلى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتىم؛ 98-يىلى مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۈم؛ 98-يىلى 8-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا 2-لىككە ئېرىشىپ، خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم؛ 99-يىلى مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسدە چېمپىيون بولدۇم.2000-يىلى مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ قوش چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردۈم؛ 2001-يىلى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتىم.

  ئۇنىڭدىن سىرت، 97-يىلى، كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 2-لىككە ئېرىشتىم؛ 98-يىلى تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 5-بولدۇم. 2001-يىلى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 3-بولدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىسىم مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال ۋە مىس مېداللارغا ئېرىشتىم. بۇ جەرياندا، 96-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە دۆلەت ئەرلەر بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، +91 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسىدا 1-نومۇرلۇق ماھىر بولۇپ، دۆلىتىمىزگە ۋەكالىتەن بەش يىل خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم.

  مۇخبىر: تىرېنېرلىق ھاياتىڭىزنى قاچان باشلىدىڭىز؟ شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت: مەن 1999-يىلىدىن باشلاپ ھەم تەنھەرىكەتچى، ھەم تىرېنىېر بولۇپ كوماندىدا تۇرغان. 2001-يىلىدىكى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى تۈگىگەندىن كېيىن، مەن كوماندىدا قېلىپ، رەسمىي تىرېنېر بولدۇم. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى 2002-يىلى تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت تىرېنېرنى بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. 2002-يىلى ئۆگىنىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 50كە يېقىن ياش مايسىلارنى تاللاپ، مەشىقلەندۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتۇق. بۇلاردىن تاللىنىپ چىققان مەمەتتۇرسۇن چوڭ، نىجات ھۈسەن، ئەكبەر يۈسۈپ قاتارلىق ماھىرلار شىنجاڭ كوماندىسى ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر كوماندىدا داۋاملىق قېلىپ قالغان مەمەتتۇرسۇن چوڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ تەجرىبىلىك، پېشقەدەم تەنھەرىكەتچىسى، كوماندىمىزنىڭ كوزۇر ۋەكىلى بولۇپ قالدى، 2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا تىرېنېر بولۇپ خىزمەت قىلدىم. 2012-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، باش تىرېنېر بولۇپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

  ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، 99-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى بولدۇم. 2000-يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولدۇم. 2003-يىلى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولدۇم، ئۇنىڭدىن سىرت، مەن ئاپتونوم رايونلۇق 6-،7-، 8- نۆۋەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولدۇم. كوماندىدا 2012-يىلىغىچە مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ مەسئۇل تىرېنېرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنى يېتەكلەپ، مەشىقلەندۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە جۇڭگو كوماندىسىغا ۋەكالىتەن قاتناشتۇق، 2009-، 2013-، 2017-يىلىدىكى ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە 91 كىلوگراملىقلار بويىچە ئەخمەت مەمەت، 75 كىلوگراملىقلار بويىچە توختاربېك تاڭلاتقان، 60 كىلوگراملىقلاردىن ئابدۇرىھېم مەمەت، قەيسەر تاشمەمەت قاتارلىق ياش ۋە كۈچلۈك ماھىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق.

  مۇخبىر: شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغان بۇ 25 يىلدىن بېرى قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى؟

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت: بۇنى 1988-يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ مەرھۇم ئۇستازىمىز، تىرېنېر ئابلىكىم ئابدۇرىشېت 1988-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئۈرۈمچىنى ئاساس قىلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتىتى، مالىيە ئىنستىتۇتى (ھازىرقى ئۇنىۋېرسىتېتى)، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈركان مەكتىپىدىن بالىلارنى تاللاپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقانىكەن. شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ بىر تەنھەرىكەتچىمىز مىس مېدالغا، بىر تەنھەرىكەتچىمىز 5-لىككە ئېرىشكەن. 91-يىلىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ كۆمۈر كان مەكتىپى بىرلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق بوكس كوماندىسىنى قۇرغان. مەن بۇ مەزگىلدە، يەنى 90-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، شۇ يەردە بوكس مەشىق قىلغان ۋە 91-يىلى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىشتىن سىرتقى بوكس كوماندىسى قۇرۇلغان چاغدا، شۇ كوماندىغا قېتىلغان. شۇ تەرىقە بويىچە مېڭىپ 93-يىلىغا كەلگەندە، بىز 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىغا قاتناشتۇق، شۇ چاغدا بىز ئۈچ تەنھەرىكەتچى قاتناشتۇق، مەن 3-بولدۇم، يەنە بىرى 4-لىككە، يەنە بىرسى 5-لىككە ئېرىشتى. بىزنىڭ نەتىجىمىز ئاپتونوم رايون ئىچىدە يېنىك ئاتلېتكا كوماندىسىدىن ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، 94-يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى 1-مەشىق ئەترىتىدە رەسمىي قۇرۇلدى. مەنمۇ 94-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا 1-تۈركۈم تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندىم. 94-يىلى يېڭى قۇرۇلغان چاغدا، بىزنىڭ كوماندىمىزدا ئون نەچچە تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. رەھمەتلىك ئابلېكىمكام بىزنىڭ باش تىرېنىر بولۇپ، مۇشۇنداق ھالەتتە، مەشىقىمىزنى رەسمىي باشلىغان. قۇم خالتىسى دېگەندەك بەزى مەشىق ئەسۋاپلىرىمىزنى ئۆزىمىز قولىمىزدا ياسىغان، تىرېنېرىمىز يەنى قوي يۇڭى ئارىلاشتۇرۇلغان قۇمنى بوكس خالتىلىرىغا توشقۇزۇپ قۇم خالتىلارنى ياسىغان، يەنە تۆمۈرچى، ياغاچچى ئۇستاملارنى چاقىرتىپ، ھەر خىل مەشىق ئۈسكۈنىلىرىنى ياساتقۇزغان. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلۇپ بىر-ئىككى يىل ئىچىدە، بىز قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ھەربىيلەر بوكس كوماندىسىغا كۆپ قېتىم بېرىپ مەشىق قىلىپ، تەجرىبە-ئالاقە ئالماشتۇرغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ مەشىق قىلغان. 95-يىلىغا كەلگەندە، كوماندىمىز مەملىكەتلىك سەرخىللار مۇسابىقىسىغا قاتناشتى. مەن 91 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيونلۇقنى ئالدىم. 96-يىلىغا كەلگەندە مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردۇق، مەن 91-كىلوگراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيونلۇقنى ئالدىم ۋە شۇ يىلى 12-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو بوكس شاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن كەمەرگە ئېرىشتىم. بۇ يىلى بىز شىنجاڭ بوكىس كوماندىسى ۋە شەخسەن مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بىر يىل بولدى، كۆپلىگەن ئەزالار مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە 3-،2- لىككە ئېرىشتى، ياش ماھىرلاردىن ئەكرەم ئىسھاق ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 97-يىلى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بىز بىر ئالتۇن، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتۇق. شۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بولغان بىر ئالتۇن مېدالنى ئالدىم. 99-يىلى، كوماندىمىزدىن ئابدۇراخمان ئابلىكىم ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2000-يىللىق سىدنىي ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىزنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇدا تۆت نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دۆلىتىمىزگە ۋەكالىتەن قاتناشتى. 97-يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە، ئالتە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئالتە نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئۇدا ئالتە نۆۋەت ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت، يەنى 2009-يىلى، 2013-يىلى، 2017-يىلىدىكى 11-،12-، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەت تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

  شىنجاڭ كەسپىي بوكس كوماندىسىنىڭ 1994-يىلى قۇرۇلۇپ، بىر ئاددىي «كىچىك كوللېكتىپ» ھالىتىدىن، بۈگۈنكى جۇڭگو بوكس ساھەسىدىكى كۈچلۈك، مۇنەۋۋەر كوماندىغا ئايلىنىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى، مەملىكەتلىك بوكس باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىزچىل بىزنى قوللىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن بولدى دەپ قارايمەن. شىنجاڭ كوماندىسى قۇرۇلغان بۇ 25 يىل مابەينىدە، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە 60قا يېقىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىردىن بەشنى، دۆلەت دەرىجىلىك ماھىردىن 20نى تەربىيەلىدى، دۆلەت بوكس كوماندىسى ئۈچۈن 30غا يېقىن مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ بەردى. ئىلگىرى-كېيىن تۆتەيلەن دۆلەتكە ۋەكىل بولۇپ سىدنىي، ئافىنا، بېيجىڭ، لوندون ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشتى، شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى 80 نەچچە ئادەم قېتىم دۆلەتكە ۋەكالىتەن خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بوكس تەيچۈەنداۋ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ يەرلىك گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنى دۆلەت بوكس تۈرىنىڭ مۇھىم مەشىق بازىسى قىلىپ قۇردى.

  ئەينى چاغدا كوماندا يېڭى قۇرۇلغان چاغدا، بىز شارائىتنى ناچاركەن دېمەي، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلغان، بىزنىڭ شارائىتىمىز نەتىجىلىرىمىزگە ئەگىشىپ بارا-بارا ياخشىلىنىپ، ئىزچىل تولۇقلىنىپ ۋە ئۆزگىرىپ، ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. ھازىر بىزدە 500 كىۋادىرات مېتىرلىق كەسپىي بوكىس مەشىق زالىدىن ئىككىسى، ئۇنىڭدىن سىرت 10 مىليون يۈەنلىك چېنىقىش ئەسۋابلىرى بىلەن تولغان 500 كىۋادىرات مېتىرلىق چېنىقىش زالىمىز بار. ئاشخانىمىز شۇنداق چوڭ ۋە ياخشى، ئاشپەزلىرىمىز ئوزۇقشۇناسلارنىڭ تەلىپى، بالىلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، ھەر تۈرلۈك قۇۋۋەتلىك تاماقلار ئېتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، بالىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ھورلاندۇرۇش ئۆيىمىز، فىزىكىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيىمىز ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەسۋابلىرىمىز بار. ھازىر كوماندىمىزنىڭ قانات-قۇيرۇقلىرى تولۇق يېتىلىپ، مۇكەممەل بولغان بوكس كوماندىسىغا ئايلاندى، كوماندىمىزنىڭ تىرېنېرلار قوشۇنىدا قازاقىستاندىن تەكلىپ قىلىنغان ئىككى تىرېنېرىمىز بار، بۇ تىرېنېرلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىرلارنى تەربىيەلىگەن تىرېنېرلار بولۇپ، تەجرىبىسى مول. ئۇنىڭدىن سىرت كوماندىمىزنىڭ دوختۇرلار گۇرۇپپىسى، ماھىرلارنىڭ فىزىكىلىق ۋە پىسخىكىلىق ھالەتلىرىنى تەڭشەيدىغان كەسىپ تەتقىقات تىرېنېرلىرى، ماھىرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەڭشەيدىغان ئوزۇقشۇناسلىرىمىز ۋە يەنە مەمۇرىي خىزمەتچىلىرىمىز، مالىيە خىزمەتچىلىرىمىز بولۇپ، ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن بىر ئورۇنغا ئايلاندۇق. بۇ نەتىجىلەر ھەم شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىزچىل ئەنئەنىسى بويىچە «ۋەتەننىڭ شان-شەرىپى ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار روھنى ئۆزىمىزگە تۈرتكە قىلىپ، تىرىشىپ مەشىق قىلىشىمىز ئاستىدا قولغا كەلگەن. ماھىرلىرىمىز نەتىجە ئالدىدا مەغرۇرلانماي، ياخشى بولغان كەسىپ ئەخلاقى ۋە ئىناۋىتىمىزنى تىكلىدۇق. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئېلىمىز ئىچىدە باشقا ئۆلكىلەر قول قويىدىغان، ئېتىراپ قىلىدىغان كەسىپتىكى كۈچلۈك كوماندىغا ئايلاندى. بۇ جەرياندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە رەھبەرلەر بىزگە كۆپ كۆڭۈل بۆلدى، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غەمخورلىقىنى يەتكۈزدى. ماھىرلىرىمىزنىڭ مەشىقىدىن سىرت، يەنە ئائىلە شارائىتىغىچە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلىدىغان ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. ماھىرلىرىمىز قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە، ئىدارىمىزنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، شۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بەردى. كوماندىغا تېخنىكىلىق، تاكتىكىلىق مەشىق جەھەتتە ياكى شارائىت جەھەتتە بولسۇن، تاغدەك يار-يۆلەكتە بولۇپ، كوماندىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، بىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن ئاساس سېلىپ كەلدى.

  مۇخبىر: كەلگۈسىگە بولغان پىلانىڭىز ۋە ئارزۇيىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت: مەن تەنھەرىكەتچى ۋاقتىمدىن تارتىپ تاھازىرغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ بوكس ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشسام دەپ ئويلاپ كەلدىم. 2001-يىلى 9-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ تىرېنېرلىق ھاياتىمنى باشلىدىم. نۆۋەتتە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، پۈتۈن زېھنىم بىلەن ماھارەت سەۋىيەرىمىزنى، بوكس تەنتەربىيە، نەزەرىيە، ئەمەلىيەت جەھەتتىن تېخىكىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ بوكس ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشساق دەپ ئويلايمەن.

  شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قانچە يېڭى چېمپىيونلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز، بۇلتۇر 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، بىزنىڭ ماھىرلار ئۆزىنىڭ تېخنىكا، كۈچ سەۋىيەسىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ، مۇسابىقىدىن كېيىن دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ ئايرىم كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتۇق. بۇلتۇر 11-ئايدىن تارتىپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ بەش ئەزاسى دۆلەت بوكس كوماندىسىدا ئىزچىل تۇرۇپ، مەشىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان جۇڭگو بوكس كوماندىسى بارلىق ماھىرلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ مەشىقلەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ گۇرۇپپىسى ئايرىم بىر گۇرۇپپا يەنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ شىنجاڭ گۇرۇپپىسى بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە مەشىقنى باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 69-كىلوگراملىقلار ۋە 75-كىلوگراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىدىكى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك ماھىرلار ۋە يەنە 91-كىلوگراملىقلار، 64-كىلوگراملىقلار بويىچە مەملىكەت بويىچە 2-لىككە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر بولۇپ، جەمئىي 18 تەنھەرىكەتچى ئۈرۈمچىدىكى مەشىق بازىمىزدا دۆلەت كوماندىسى بولۇپ شەكىللىنىپ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ مەشىقنى باشلاپ كەتتۇق. مەن نۆۋەتتە، شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئىجرا تىرېنېرى بولۇپ ماھىرلارنى مەشىقلەندۈرىۋاتىمەن.

  نۆۋەتتە، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك يىغىنىغا بىز زور ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن تەييارلىق قىلماقتىمىز، مەن ئويلايمەن، كوماندىمىزدىكى ماھىرلار، كوللىكتىپىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئېلىمىز ئۈچۈن، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئۈچۈن چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر