11-ئاينىڭ 5-كۈنى، بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جېجياڭ داشۆسى يەسلىسىنىڭ شىشى تارماق يەسلىسىدىكى نەچچە يۈز بالا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كۈزلۈك قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى. قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «ھەرىكەت قىلىمەن، ساغلام بولىمەن، خۇشال بولىمەن» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىگە ھەر خىل قىزىقارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە ئائىلە پائالىيەت تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان. (شۈ يۈ فوتوسى)