باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سمېنس شىركىتىنىڭ جۇڭگودا تۇنجى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋەكىلى سمېنس شىركىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختالدى

2018.11.06 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سمېنس شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى باش ۋەكىلى بولغان ئاۋبېرگې سىمېنس شىركىتىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: جۇڭگونىڭ قەدىناس دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ، مۇقىم بولۇشىغا، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولۇشىغا تىلەكداشمەن دېدى.

  77 ياشلىق ئاۋبېرگې مىيۇنخېننىڭ شەھەر سىرتىدا تۇرىدۇ. بويلىرى ئېگىز، چاچلىرىنى ئاق بېسىپ كەتكەن بۇ گېرمانىيەلىك ئىلگىرى سمېنس شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى باش ۋەكىلى ئىدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردىكى جۇڭگودىكى خىزمەت سەرگۈزەشتىسى ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىدە.

  ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: 1984-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى مەن جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كەلگەن ئىدىم، ئەينى چاغدا يوللاردا شەخسىي ماشىنىلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتقىلى بولاتتى، ئاساسلىق قاتناش قورالى ۋېلىسىپىت بولۇپ، بېيجىڭنىڭ چاڭئەن كوچىسى ۋېلىسىپىت دۇنياسى ئىدى.

  ئەينى يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاۋبېرگې مىللەتلەر مېھمانخانىسىغا تەسىس قىلىنغان سىمېنسنىڭ بېيجىڭ ۋاكالەتخانىسىنىڭ تۇنجى باش ۋەكىلى بولغان. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدىكى ۋەكالەتىانىدا ئىشلەيدىغانلار ئونغىمۇ يەتمەيتتى.

  ئاۋبېرگې يېڭى مۇھىتقا ناھايىتى تېزلا كۆنۈپ كەتتى. جۇڭگولۇق خېرىدارلار ۋە ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ جۇڭگونىڭ بىر ئۇلۇغ دۆلەت بولۇپ، يوشۇرۇن كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تېزلا ھېس قىلىپ يەتتى.

  مۇشۇنداق ھۆكۈمنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ سىمېنسنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولدى. ئۇ ئەينى چاغدا سىمېنسنىڭ بىر قېتىملىق ئىچكى يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ: سىمېنىستەك مۇشۇنداق چوڭ دۆلەت ھالقىغان بىر شىركەت جۇڭگودەك مۇشۇنداق چوڭ بىر دۆلەتتە ئۆز كەسپىنى راۋاجلاندۇغاندىلا ئاندىن جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشالايدۇ، جۇڭگولۇق خېرىدارلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايدۇ دېگەن ئىدى.

  1985-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاۋبېرگېنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. بۇ كۈنى خەلق سارىيىدا سىمېنس بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان ئىدى. ئىمزالاش مۇراسىمىدا تارتىلغان بىر كونا سۈرەتتە، كەينىدىكى قاتاردا ئاۋبېرگې كۈلۈمسىرىگىنىچە چاۋاك چالغان ھالدا تۇراتتى. ئۇ: بۇ بىر نامايەندە، ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.

  1987-مالىيە يىلىدا، سىمېنس جۇڭگودا 300 مىليون گېرمانىيە ماركىغا يېقىن سېتىش سوممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 1988-يىلىغا كەلگەندە شىركەتنىڭ جۇڭگودا تەسىس قىلغان ئىش باشقارمىسى تۆتكە، خىزمەتچىسى تەخمىنەن 150كە يەتتى.

  1988-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاۋبېرگې ئۈچۈن يەنە بىر شانلىق پەيت بولدى. بۇ كۈنى سىمېنس ھەمكارلىق شېرىكى بىلەن جۇڭگودا تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىش كارخانىسى قۇرىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى؛ شۇ كۈنى سىمېنسنىڭ بېيجىڭدىكى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئۇلىنى سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاۋبېرگې مۇنداق دەيدۇ: سىمېنس ئورتاق مەنپەئەت ۋە نىشانىنى كۆزلەپ جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  سىمېنس ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ گۇۋاھچىسى تېخىمۇ مۇھىمى مەنپەئەتلەنگۈچى. 2017-مالىيە يىلىدا سىمېنسنىڭ جۇڭگودىكى ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى يەتتە مىليارد 200 مىليون ياۋروغا يەتتى. ھازىر خىزمەتچى ئومۇمىي سانى 32 مىڭدىن ئاشىدۇ. جۇڭگو سىمېنسنىڭ ئىككىنچى چوڭ چەتئەل بازىرىغا ئايلاندى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: سىمېنس ھەممىدىن بۇرۇن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى قارار قىلغان دۆلەت ھالقىغا شىركەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدا سىمېنسنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى بەلكى بارغانسېرى قويۇق بولغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

  ئاۋبېرگې 1989-يىلى جۇگودىكى خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ گېرمانىيەگە قاتتى، بىراق ئۇ دائىم دېگۈدەك جۇڭگوغا كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كەلدى. ئۇ شىنجېننىڭ كىچىك بىر بېلىقچىلىق يېزىسىدىن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىگە ئايلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا شاڭخەي پۇدۇڭنىڭ قاقاسلىق ۋە ئېتىزلىقتىن تەرەققىي قىلىپ ئاۋات پۇل مۇئامىلە ۋە سودا مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

  ئاۋبېرگې مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قەدىناس دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ، مۇقىم بولۇشىغا، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولۇشىغا تىلەكداشمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر