- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالى
2018.11.06 10:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونلىرىدا سوغۇق ئېقىم كۆرۈنەرلىك بولمايدىكەن. ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
11-ئاينىڭ 5-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 3 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇس؛ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ تەسىرىدە، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن. 11-ئاينىڭ 7-كۈنىمۇ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن.
ئەمما، 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كېلىشى بىلەن شەرقىي جەنۇب شامىلى غەربىي شىمال شامىلىغا ئۆزگىرىپ، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدىكەن. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئەھۋالىغا قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر