ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل مابەينىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بويى «ئۆستى.»
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: قاينام ـ تاشقىنلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل مابەينىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا «سەككىز قەۋەت»تىكى كوئېنلۇن مېھمانخانىسى بولۇپ، 1983-يىلى چاڭجياڭ يولىدا توققۇز قەۋەتلىك شىنجاڭ مېھمانخانىسى سېلىندى؛ 1985-يىلى 13 قەۋەتلىك شىنجاڭ مۇھاجىرلار مېھمانخانىسى بىناسى پۈتتى؛ 1987-يىلى شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ 17 قەۋەتلىك بىناسى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن 19 قەۋەتلىك شىنجاڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سارىيى، 22 قەۋەتلىك شىنجاڭ جيارى (ئىستىراھەت مېھمانسارىيى) بىناسى كەينى-كەينىدىن قەد كۆتۈردى......ساناپمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك بۇ ئېگىز بىنالار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «بويى» نى ئۆستۈردى، غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ئەتراپىدا 145 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىزىلتاغ يېڭى ئەسىر بىناسى، 187 مېتىرلىق دەۋر مەيدانى بىناسى، 229.99 مېتىرلىق جۇڭتيەن سارىيى قەد كۆتۈرۈپ، قىزىل تاغ بىلەن بىر قاتاردا شەھەرنىڭ يېڭى بەلگىلىرى بولۇپ قالدى. ئۈزلۈكسز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرى نۆۋەتتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە، تېخىمۇ يېڭى ئېگىزلىككە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.