خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) تۇنجى قېتىم قويۇلغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»نىڭ ئىشلەنگەنلىكىگە 55 يىل بولدى، لېكىن راست-يالغان گۈلەندەم ۋە جەڭچى ئامېر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايسى بايان قىلىنغان بۇ قىزىل كىلاسسىك ئەسەر شىنجاڭ خەلقىنىڭلا ئەمەس، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ فىلىم ھېلىھەم ھەممىمىزنىڭ يادىمىزدا.
2003-يىلى بۇ كىلاسسىك ئەسەر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئوپېرا قىلىنىپ، «بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى»غا، «بەي يۈلەن مۇكاپاتى»غا، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپات»غا ئېرىشكەن ئىدى. 2016-يىلى دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ مەخسۇس مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى بۇ ئوپېرانى قايتىدىن سەھنىلەشتۈرۈپ مۇزىكىلىق تىياتىر قىلىپ ئىشلەپ، زامانىۋى يېڭىچە قىياپەتتە مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر بۇلتۇر 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىدا يېڭىچە قىياپەتتە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.
بەش پەردە، توققۇز كۆرۈنۈشلۈك مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»دا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە چېگرا رايوننى قوغداۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيە ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ شۇ جايدىكى تاجىك خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كونا جەمئىيەتتىن قالغان ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى يوقاتقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئارمىيە-خەلق ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن نادىر ئەسەرنىڭ يېڭىچە نۇسخىسى بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىلدى. بۇ مۇزىكىلىق تىياتىرغا قاتناشقان ياشلارنىڭ تىياتىردىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كۆپ قېتىم ئازادلىق ئۇرۇشى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەرنى كۆرۈشكە ئويۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جەڭچىلەرنىڭ ئىسسىق قىنى بەدىلىگە كەلگەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
بۇ قېتىمقى مۇزىكىلىق تىياتىرغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئىشلىنىپ، ئېلىمىزدە زور تەسىر قوزغىغان، ئاتا-بوۋىلىرى پات-پات سۆزلەپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدىغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»دا رول ئالالىغانلىقىدىن ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىشتى. ئۇلار رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر مەزگىل ھەربىي مەشىق قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ جاپاسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، شۇ دەۋردىكى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە ئائىت كىتابلارنى ئېلىپ ئوقۇپ، ئازادلىق ئارمىيە ئوفېتسىر- ئەسكەرلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئىگىلەپ، تىياتىرنى ياخشى ئورۇنلاپ، ياشلارنى تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلماقچى بولدى.
خەلقنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە قىزىل ئەسەرلەرنى خەلققە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»نى يەنە قايتىدىن رەپىتىس قىلىپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بورتالا، چۆچەك، كۈيتۈن قاتارلىق جايلاردا ئورۇنلاپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيتماقچى بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى