باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"ئۆزىنى ئېكولوگىيەلىك كونترول قىلىش رايونى"نى ئاسراش ئۈچۈن، بېيجىڭ 16 تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.11.06 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ «"ئۆزىنى ئېكولوگىيەلىك كونترول قىلىش رايونى"نىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇ رايوننىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى» 5- چېسلا رەسمىي سىرتقا ئېلان قىلىندى. بۇ «يولغا قويۇش پىكرى» ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە سېلىنما سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىن قاراپ 16 تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ئۆزىنى ئېكولوگىيەلىك كونترول قىلىش رايونى"نىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۇ رايوننىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 5- يانۋار ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: بېيجىڭ شەھىرى بۇ «يولغا قويۇش پىكرى»گە ئاساسەن، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ قىزىل سىزىقى ۋە شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ دائىرە سىزىقىنى مەھكەم قوغداپ، "ئۆزىنى ئېكولوگىيەلىك كونترول قىلىش رايونى"نىڭ GDP كۆرسەتكۈچىنى باھالىمايدىكەن. بۇ «يولغا قويۇش پىكرى»نىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى 2019- يىلىدىن باشلىنىپ، 2022- يىلىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرى "ئۆزىنى ئېكولوگىيەلىك كونترول قىلىش رايونى"نىڭ دائىرىسىنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار مېنتوگوۋ رايونى، پىڭگۇ رايونى، خۇەيروۋ رايونى، مىيۈن رايونى، يەنچىڭ رايونى، چاڭپىڭ رايونى، فاڭشەن رايونى ۋە ئۇنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۇ رايونلارنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 11مىڭ 259.3 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر كۆلىمىنىڭ %68ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ 2017- يىلى، "ئۆزىنى ئېكولوگىيەلىك كونترول قىلىش رايونى"نىڭ دائىملىق نوپۇسى ئىككى مىليون 664 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسىنىڭ %12.3نى ئىگىلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر