باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىكى ئۈچ چوڭ يارقىن نۇقتا

2018.11.06 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋاز بېرىلىدۇ، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئەھمىيىتى زور؛ بىرىنچىدىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوشما ئىشتات، ئىشتات ۋە يەرلىك قاتلامدىكى كۆپ قىسىم سىياسىي تېررىتورىيەسى قايتىدىن شەكىللىنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىستىقبالى ۋە سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ سىياسىيسىنىڭ قۇتۇپلىشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىش يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  بىرىنچى يارقىن نۇقتا:«پارچىلانغان پارلامېنت» بارلىققا كېلەمدۇ-يوق؟

  بۇ يىلقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدىكى 435 ئورۇننىڭ ھەممىسى قايتىدىن سايلىنىدۇ، كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 ئورۇننىڭ 35، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتات ئىچىدە 36 ئىشتاتنىڭ ئىشتات باشلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۈچ جايدىكى چەتئەل زېمىنىنىڭ ۋالىسى، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 99 ئىشتاتلىق قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتى ئىچىدە 87 قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتىنىڭ جەمئىي 6600 دىن ئارتۇق ئورنى ھەمدە ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونى، سانفرانسىسكو، چىكاكو قاتارلىق مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ باشلىقلىرى قايتىدىن سايلىنىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، پارلامېنتىنىڭ ئاۋام كېڭەش پالاتالىرىنى قايتا سايلاش دىققەتنى تارتماقتا ھەتتا ئىككى پارتىيەنىڭ تالىشىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا، ئەلرايىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، كېڭەش پالاتاسىنىڭ سايلام ئەھۋالى بىر قەدەر ئېنىق بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيە ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىمالى بىر قەدەر زوركەن. ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلام ئەھۋالى بىر قەدەر تىركىشىش ھالىتىدە بولۇپ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىق پارتىيە ئورنىغا ئېرىشىش ئېھتىمالى بىر قەدەر زوركەن.

  ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيەگە ئايلىنىش ئۈچۈن، ئاز دېگەن 218 ئورۇنغا ئېرىشىش كېرەك. دېموكراتلار پارتىيەسىگە نىسبەتەن، بۇ يېڭىدىن ئاز دېگەندە 23 ئورۇننى كۆپەيتىشتىن دېرەك بېرىدۇ، پارتىيە گۇرۇھسىز مۇستەقىل سايلام تەھلىل قىلىش ئاپپاراتى-«كۇك سىياسىي دوكلاتى»دا 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۆلچەرلىنىشىچە، دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدا يېڭىدىن 30، 40 ئورۇن كۆپەيتىدىكەن، بۇ بۇندىن ئىلگىرىكى يېڭىدىن 25، 35 ئورۇن كۆپەيتىش مۆلچەرىدىن يۇقىرىكەن. ئەمما سابىق پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان نيۇت كىمرچ مۇنداق دەپ قارىدى: دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خام خىيالى قىرغاققا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇنلا ۋەيران بولدى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تالىشىش جېڭى ئىككىلا پارتىيەگە نىسبەتەن قاتتىق ئۇرۇش، بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى چىقماي تۇرۇپ ھېچكىممۇ جەزمەن ئۇتۇق قازىنىمەن دېيەلمەيدۇ.

  ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ «ھۆكۈمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئەنئەنىسى بار، ئۇلار ئوخشاش بىر پارتىيەنىڭ ئاق ساراي ۋە پارلامېنتىنى تەڭ باشقۇرۇشىنى خالىمايدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسى، دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنى باشقۇرىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلسە، ترامپ ھۆكۈمىتى «پارچىلانغان پارلامنېت»نى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ.

  ئىككىنچى يارقىن نۇقتا: ئىشتاتلىق سايلامدىكى«بۇرۇلۇش» ئەندىزىسى

  ئامېرىكىنىڭ يەرلىك سىياسىي تېررىتورىيەسىدە ئۆتكەن 10 يىلدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى «تارىخىي ئەۋزەللىكنى» توپلىدى. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىشتات دەرىجىلىك سايلامدىكى «قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشى»نىڭ قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشىشى بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىكى مۇھىم بىر يارقىن نۇقتا.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتنىڭ تەخمىنەن 3 دىن 2 قىسىمىغا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئىشتات باشلىقلىرى مەسئۇل، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نۇرغۇن ئىشتاتلىق قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيە ئورنىغا تايىنىپ، پارلامېنتنىڭ سايلام رايونىنى قايتا ئايرىشتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە پايدىلىق ئىمكانىيەتنى يارىتىدۇ.

  ئەمما پۈتۈن ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا دېموكراتلار پارتىيەسى 10 ئىشتات باشلىقى ۋەزىپىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىنكەن، بەلگىلىك دەرىجىدە پۈتۈن ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئىشتات باشلىقلىرى ئومۇمىي سانى جەھەتتە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئېشىپ كېتىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەن ھەمدە ئامېرىكا سايلىمى تارىخىدىكى بەزى يېڭى رېكورتلارنى يارىتىشىشىمۇ مۇمكىنكەن؛ ئالايلۇق: گىئورگىيا ئىشتاتىدا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئايال ئىشتات باشلىقى ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن؛ فىلورىدا ئىشتاتىدا مەزكۇر ئىشتاتنىڭ تۇنجى ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئىشتات باشلىقى ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن؛ كولورادو ئىشتاتىدا ئامېرىكىدىكى تۇنجى ھەمجىنىس سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغان ئىشتات باشلىقى ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن.

  بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا، قايتىدىن سايلىنىدىغان ئىشتاتلىق قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتىنىڭ ئورنى جەمئىي 6600دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىيسىغا بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ئىشتاتلىق قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيەلەر شۇ ئىشتاتنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى، مائارىپ، باج كىرىمى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە سىياسەت يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماستىن، ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئۆز ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت سايلام رايونىنى قايتىدىن ئايرىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ نەتىجىسى ھەمدە تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق بولغان 2020-يىلىدىكى چوڭ سايلامدىكى ئىشتات دەرىجىلىك سايلام نەتىجىسى 2020-يىلىدىكى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى پارلامېنتنىڭ سايلام رايونىنى ئايرىشنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا ئۇ كېيىنكى 10 يىل ئىچىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى بىلەن پارلامېنتتىكى ئاۋام پالاتاسى ئورنىنىڭ تەۋەلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ دەل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى بىلەن يەرلىك سىياسىينىڭ ھەممە ھالقىسىنىڭ بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا، «ترامپ ئامىلى» نىڭ تەسىرى قانچىلىك؟

  ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا زۇڭتۇڭ سايلانمايدۇ، ئەمما ئىككى پارتىيەنىڭ ئالدى بىلەن تاللىشىدىن سايلام جېڭىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغىچە زۇڭتۇڭ ترامپ ئىزچىل ھالدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام جېڭىنىڭ يادروسى بولۇپ كەلدى. سايلام جېڭىنىڭ ئاخىرىقى بىر ھەپتىسىدە، ترامپ بەش كۈن ئىچىدە 8 ئىشتاتقا بېرىپ، 11 مەيدان سايلام رىقابىتى يىغىلىشقا قاتناشتى ھەمدە«ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى»نى بىكار قىلىش قاتارلىق تېخىمۇ قاتتىق ھەم زور تالاش تارتىش تەلەپ قىلىدىغان كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش بىرىكمە مۇشتىنى چىقاردى. ئەمما بۇ ھەرىكەتلەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى ئاۋازنى تالىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سايلىغۇچىلارغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

  بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، داۋالاش سۇغۇرتىسى، كۆچمەنلەر، قورال تىزگىنلەش، ئىرق، باي-نامراتلىق، چوڭ سوتچىنى ۋەزىپىگە قويۇش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر چۆرىدىلىپ، ترامپنىڭ تالاش تارتىشلىق گەپ سۆزلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بىلەن بولغان ئېغىز ئۇرۇشى، ئىككى پارتىيەنىڭ قارىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

  ئەلرايىنى تەكشۈرۈش بىر قانچە دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىككى پارتىيەنىڭ سايلىغۇچىلىرى ترامپنىڭ گەپ سۆزلىرىگە بولغان ئىككى قۇتۇپلىشىش تەسىراتى بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتىنى چوڭايتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن سايلام نەتىجىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىيسىنىڭ قۇتۇپلىشىش ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىككى پارتىيەدىكى مۆتىدىل كۈچلەرنىڭ سىياسىي ئەندىزىسىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى ھەمدە مۇستەقىل سايلىغۇچىلار ۋە ئىككى پارتىيەدىكى مۆتىدىل سايلىغۇچىلارنىڭ يۈزلىنىشى ۋە تەسىر كۈچىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر