- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن: ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇس مىللىتىگە نىسبەتەن مۇھىم قىممەتكە ئىگە، ئۇ مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يادروسى
2018.11.06 15:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن «خەلق ئىتتىپاقلىق كۈنى»نى تەبرىكەش زىياپىتىدە: ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇس مىللىتىگە نىسبەتەن مۇھىم قىممەتكە ئىگە، ئۇ مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يادروسى دېدى.
پۇتىن شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇس مىللىتىنىڭ تېز پۈكمەس روھى پۈتكۈل دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ۋە ئىلھاملاندۇرغان، مۇشۇ روھ ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يادروسى. ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇسىيە خەلقىنىڭ ئالىيجاناب ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، رۇسىيەنى يېڭى يېڭى بۆسۈشنى ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
2005-يىلىدىن باشلاپ، رۇسىيە ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى «خەلق ئىتتىپاقلىق كۈنى»نى تەبرىكەپ كەلدى. بۇ بايرام 1612-يىلى رۇسىيە ھەققانىيەتچى قوشۇنىنىڭ پولشا ئارمىيەسىنى موسكۋا كىنەزلىكىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر