خەلق تورى خەۋىرى: چىنلىڭنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغلىقتا ھاۋا خېلىلا سوۋۇپ قالدى. بىراق، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 12-ئىدارىسى، 11-ئىدارىسى قاتارلىق شىركەتلەر ئۈستىگە قالغان شەنشى ئۆلكىسى فېڭشيەن ناھىيەسى چېگرىسىدىكى نۇقتىلىق قاتناش تۈرى __ باۋجى-خەنجوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ فېڭشيەن بۆلىكى ۋە تەيبەي-فېڭشيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ فېڭشيەن بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا 11-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلۇش يەنىلا ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.
باۋجى-خەنجوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دۆلەتلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يىنچۈەن-كۇنمىڭ لىنىيەسى(G85)نىڭ مۇھىم بۆلىكى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 374.24 كىلومېتىر، فېڭشيەندىكى بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 52 كىلومېتىر.
تەيبەي-فېڭشيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شەنشى ئۆلكىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تور لايىھەسىدىكى 18 ئالاقە لىنىيەسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 85.07 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن لىنىيە قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا قاتنىيالايدىغان، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىرلىق ئۆلچەمدە ياسالغان بولۇپ، 2020-يىلى قاتناش باشلاش پىلانلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرلەر تاماملىنىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چىڭلىڭنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چىسەيفېڭ ناھىيەسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن. (خەلق تورى مۇخبىرى شى جيامىن خەۋىرى، فوتوسى)