شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: بىر تېخنىك خادىم (ئوڭدا) 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ ئېكساق كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا خانىم-قىزلارغا زامانىۋى ئۈسكۈنىدە كەشتە تىكىشنى ئۆگەتمەكتە. ئاتۇش شەھىرى بۇ يىل كەشتىچىلىك، كىيىم-كېچەك تىكىش قاتارلىق تۈرلەردىكى 56 «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 4300دىن كۆپ ئادەمنى تەربىيەلەپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)