باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە پايدىلىق، دېدى

2018.11.07 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى 6-نويابىر جۇخەي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى، كارخانىچىلار قاتارلىق ھەر قايسى ساھە زاتلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانلار قەدىمدىن بۇيان بىپايان ئاسمانغا تولىمۇ تەلپۈنەتتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يەتكۈزۈپ كەلدى. 19-ئەسىردىن بۇيان، دۇنيانىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ئىلگىرى سۈردى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تەرەققىياتى چوقۇم ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىزچىل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ كەلدى. يىگىرمە نەچچە يىللىق تىرىشىشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى ئەڭ كۈچلۈك خەلقئارالىق تەسىر كۈچىگە ئىگە ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تۈرىدىكى كەسپىي كۆرگەزمىنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ دۇنيا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى تەرەققىياتى، خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شىشۈەن شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. شۈ چىلياڭ، ۋاڭ يوڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  12-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 1996-يىلى تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى سودا خاراكتېرلىك، كەسپىيلىك، سەيلى-تاماشا خاراكتېرلىك ئۈچ خىل تۈسنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ھازىرقى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ئىلغار پەن-تېخنىكا كۆرىكىگە ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە 40 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ 700 گە يېقىن سودىگىرى قاتنىشىپ، دۇنيا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ساھەسىنىڭ ئىلغار تەرەققىيات سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر