باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش پەسلى پائالىيىتى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى 45 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

2018.11.07 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، «بېيجىڭ رايونىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 2019- يىللىق مۇلازىمەت پەسلى پائالىيىتى» باشلانغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 11- ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار 3000دىن ئاشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى 45 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  «بېيجىڭ رايونىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 2019- يىللىق مۇلازىمەت پەسلى پائالىيىتى»نى بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە بېيجىڭدىكى چەتئەل كارخانىلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(FESCO)بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش».

  بېيجىڭ سودا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تەكلىپ قىلىش يىغىنى پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولغان. بۇ تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېيجىڭ سودا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ لىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: سىرتتىن بېيجىڭغا كەلگەن ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ دوست ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭدا، شۇڭا ئۇلاردا بېيجىڭغا تونۇش تۇيغۇسى پەيدا بولغان. بېيجىڭدا پۇرسەت كۆپ، بۇ يەردە بىرمۇنچە چوڭ-چوڭ ھەرىكەت سۇپىلىرى بار، مەسىلىنى مۇشۇنداق ئويلايدىغان ئوقۇغۇچىلار يەنىلا كۆپ.

  خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار ئىچىدە، بېيجىڭدا قالماقچى بولغان بەزى خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ نوپۇسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان خىزمەت ئورنىنى ئالدىن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىياسەتشۇناسلىق كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان شياۋلى مۇنداق دېدى: نوپۇس ئىشى ماڭا تەۋەلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ، بېيجىڭ نوپۇسىنى ھەل قىلغىلى بولسىلا، شۇ ئارقىلىق بېيجىڭدا تېخىمۇ ئاسان يىلتىز تارتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر