باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

【شىنجاڭ ياخشى جاي】 مەززىلىك شىنجاڭ نانلىرى

2018.11.07 16:50   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

【شىنجاڭ ياخشى جاي】 مەززىلىك شىنجاڭ نانلىرى

  شىنجاڭ نېنى (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى مۇخبىرى لو چېڭ فوتوسى)

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى: شىنجاڭدا ناننىڭ تۈرى كۆپ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ناننىڭ تۈرى 50 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىسى نېپىز ھەم چۈرۈك، ئەتراپى قېلىن ھەم يۇمشاق «ھەمەك نان»؛ دىيامېتىرى 10 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان «گىردە نان»؛ يەنە قاتلىمىغا ئوخشاش نېپىز نان... قاتارلىقلار بار.يېڭىلا تونۇردىن چىققان خۇشپۇراق نان (جاڭ يى فوتوسى)

  شىنجاڭلىقلار ناندىن ئايرىلالمايدۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدە ئەل ئارىسىدا «ئۈچ كۈن گۆش بولمىسىمۇ مەيلى، لېكىن بىر كۈن نان بولمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار.

  كۇچانىڭ «كۇچا چوڭ نېنى» باشقا نانلار بىلەن ئوخشىمايدۇ، بۇ خىل ناننىڭ دىيامېتىرى 60 سانتىمېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، بىر چاقنىڭ چوڭلۇقى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ، قېلىنلىقى بولسا بىر سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. بۇ خىل ناننىڭ ھەجىمى چوڭ، تەمى چۈرۈك. شۇ جايدىكى ئاھالە رىسالەت كۇچا چوڭ نېنىنى تىلغا ئالغاندا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: كۇچانىڭ بۇ چوڭ نېنى ئۆزگىچە بولۇپ، بىز بۇ ناننى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ماڭساق، كىشىلەر كۆرۈپلا كۇچادىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلىۋالالايدۇ.

  نان يېيىشتىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار، كۇچا ناھىيەسىدە ئۆي ئىگىسى دائىم ناننى چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە دەستىلەپ، مۇنار شەكىلدە تىزىپ، ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويىدۇ. نانغا ئېغىز تېگىپ، چاي ئىچكەندىن كېيىن، ئاندىن باشقا تائاملار تارتىلىدۇ. نان يېگەندە، گۈلى بار تەرىپىنى ئۈستىگە قارىتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىك بۆلۈشۈپ ئاز-ئازدىن چىشلەپ يېيىش كېرەك. بۇ، راھەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ بىرگە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.

  بەزى ئالاھىدە سورۇنلاردا نان ئالاھىدە مەنىگە ئىگە. قۇدىلاشقاندا نان ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغات بولۇپ، يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر قۇدىلىشىش ئۈچۈن قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بارغاندا بەش ناننى بىللە ئېلىپ بارىدۇ، قىزنىڭ ئاپىسى بىر ناننى ئوشتۇپ، تۇز سۈيىگە چىلاپ يىگىت بىلەن قىزغا تالاشتۇرىدۇ.

  شىنجاڭلىقلار نان تەييارلاش جەريانىنى نان يېقىش دەيدۇ. مەززىلىك نان پۇرىقىغا تولغان كۇچا چوڭ نېنى ناۋايخانىلىرىدا ئادەمنىڭ يېرىمىچىلىك ئېگىزلىكتە تونۇرلار بولۇپ، ناۋاي ئۇستاملار خېمىرنى چوڭ، نېپىز قىلىپ ئېچىپ تونۇرغا ياقىدۇ، بىردەمدىلا خۇش پۇراقلىق كۇچا چوڭ نېنى تونۇردىن چىقىدۇ. يېڭى يېقىلغان ئىسسىق نانغا ئېغىز تەگكەندە كىشىگە ئىللىق قۇياشتىن ھۇزۇرلانغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت دۇردانىلىرىدىن بولغان ئۆزگىچە يېمەكلىك ناننىڭ تەمى پەقەت ناننىڭ تەمىلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ تەمى بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى