باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا

«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار دەرس قايتۇرۇش قىيىن بولۇشقا دۇچ كەلدى، دەرس قايتۇرالمىغان ئوقۇغۇچىلار نىمكەش مال سۇپىسىدا دەرس ساتتى

2018.12.03 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، تاراتقۇلار «ۋالس كوچىسى ئېنگلىز تىلى» مەكتىپىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاتالمىش «مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرزىنى تەشۋىق قىلىش ئىشىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، مائارىپ تەربىيەلەش داۋامىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا «مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلىنى تەشۋىق قىلىش ئايرىم ئەھۋال ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا «مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى قىلمىشى مەۋجۇد ئىكەن. ۋاھالەنكى ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن بۇ خىل قەرز پۇلنى ئالغان ھامان «دەرس قايتۇرۇش» بەك تەس ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز پۇل ئېلىپ تەربىيەلەش سىنىپىغا تىزىملاتقاندىن كېيىن پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشى تەس بولۇشنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ئاز ئەمەس بولۇپ، زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇلار قايتۇرالمىغان دەرسلىرىنى ئامالسىزلىقتىن نىمكەش سودا سۇپىسىغا قويۇپ ساتقان.

  ۋەقە

  نۇرغۇن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى «مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلىغا چېتىشلىق بولغان

  تۈنۈگۈن تاراتقۇلار «ۋال كوچىسى ئىنگلىز تىلى» مەكتىپىنىڭ ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش دەرسلىكىنى سېتىش جەريانىدا، ئىقتىسادىي ئىقتىدارى يوق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن «مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلىنى تەشۋىق قىلغانلىق ئىشىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ۋال كوچىسى ئىنگلىز تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان شياۋشۆ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ۋال كوچىسى ئىنگلىز تىلى مەكتىپىدىكى دەرس سېتىۋېلىش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  شياۋشۆنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ يىل يازدا ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندە ۋال كوچىسى ئېنگلىز تىلى مەكتىپىدە ئالاقىدار دەرسلەرنى سېتىۋالغان. دەرس سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، شياۋشۆ ۋال كوچىسى ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش ئورگىنىنىڭ ئۈچ مەكتەپ رايونىدا ئايرىم-ئايرىم مەسلىھەت سورىغان، ھەر بىر مەكتەپنىڭ سېتىش خادىملىرى ئۇنىڭغا «مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلىنى ئىشلىتىپ، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان. شياۋشۆنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كېيىن دەرس مەسلىھەتچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇددەتكە بۆلۈش قەرزىنى بېجىرگەن. شىياۋشۆنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ ھەر ئايدا 1800 يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش پۇلى ۋە 112 يۈەن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرىدىكەن، ئۇ، «سېتىش خادىمى ماڭا مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش قەرزىنى بېجىرىپ بەرگەن ۋاقىتتا رەسمىيەت ھەققى بارلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى، شۇڭا، مەن بۇ 112 يۈەننى پەقەت بىرلا قېتىم تاپشۇرىمەن، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئويلىمىغان يەردىن ھەر ئايدا تاپشۇرىدىكەنمەن»، دېدى. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، شىياۋشۆ 28 مۇددەتلىك قەرز پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە 3136 يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ يىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ بىر يىل بۇرۇن ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمىگەن ۋاقىتتا، يىڭفۇ مائارىپى دەرس مەسلىھەتچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن دەرس سېتىۋالغان، دەرس ۋاقتى ئىككى يىل بولۇپ، ئومۇمىي باھاسى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسلىھەت سورىغاندا ئۇلار ناھايىتى ياخشى گەپلەرنى قىلغان، يەنە مېنىڭ ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە چىققانلىقىمنى، پۇلۇم يوق ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسەم بولىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا، بىر ئايدا 2000 يۈەن قايتۇرسام بولىدىكەن، قوبۇل قىلالايدىكەنمەن، دەپ ئويلاپ، كارتا بېجىردىم. لېكىن كېيىن بىر مەزگىل دەرس ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماڭا ئانچە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، پۇلنى قايتۇرغۇزۇشنى ئويلىدىم، لېكىن تەربىيەلەش ئاپپاراتى ماڭا ھېچنېمە قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى».

  شياۋشۆ ۋە جاڭ يىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تورداش مىكرو بىلوگ، چاپلىمىخانا، مۇنبەردە تېما يوللاپ، ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەرىپىدىن ئالدانغانلىق ھەققىدىكى دەردىنى تۆكتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر