باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى

2018.11.22 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇقلىمىسى ئۈچۈن يەرلىككە چۈشۈرمەكچى بولغان 2019- يىللىق خىراجەتنىڭ خامچوتى 13 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇ خىراجەت ھازىر مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ خىراجەت 2018 ـ يىللىق خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش سانىنىڭ %90نى ئىگىلىگەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيەسى 2016ـ يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە جامائەت خىراجىتىنىڭ ئۆلچەملىك نورمىسى ۋە شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە ياردەم بېرىش» سىياسىتىنى ئىككىگە بۆلۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالاقىدار مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ بىرلىكتە يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە بولىدىغانلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مالىيە مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ مەركەزنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، نامراتلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى مائارىپ ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق بىلەن بىرلىشىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ۋە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامراتلىق دائىرىسىنى قايتىدىن بېكىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە جايلاردىن «شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ئالاقىدار مەبلەغلەرنى تەقسىم قىلغاندا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ۋە ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنىمۇ مايىللاشتۇرۇپ، مەبلەغلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم نىشانىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر