باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

(2018-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى)

2018.11.16 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەسلى مائارىپى __ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنىڭ باشلىنىشى، خەلق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مۇھىم ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشى. يەسلى مائارىپىنى ياخشى يۈرۈشلەشتۈرۈش، بالىلارنى تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش __ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان زور تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، مىليونلىغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، بايلىق تېز كېڭىيىپ، ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئاساس ئاجىز، قەرز كۆپ بولغاچقا، نۆۋەتتە يەسلى مائارىپى يەنىلا پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئاجىز ھالقا، تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز، يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولماقتا. «يەسلىگە كىرىش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسى» يەنىلا پۇقرالارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى. ئاساسلىق ئىپادىسى: يەسلى مائارىپى بايلىقى، بولۇپمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بايلىقى يېتەرلىك ئەمەس، سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئارقىدا قالغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مۇھتاج بولۇپ، «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» خاھىشى مەۋجۇت. بىر قىسىم پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى يەسلىلەرنىڭ پايدىنى بەك قوغلىشىش، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئارىلاپ يۈز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يەسلى مائارىپىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، بالىلارنى تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك پىكىر چىقىرىلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ:

  1) يېتەكچى ئىدىيەسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يەسلى مائارىپىنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، بىخەتەر، سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇشتەك گۈزەل ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر