باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم

دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى جۈ جىنمىن

2018.11.19 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار مۇستەقىل ئوقۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان تەقدىردىمۇ، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئاتا-بالا بىللە كىتاب ئوقۇشقا يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

  ئاتا-بالا كىتاب ئوقۇشنىڭ ۋاقىت، ئورۇن چەكلىمىسى يوق، ئاتا-ئانىلار بوش ۋاقىتلىرىدا بالىسى بىلەن كۈتۈپخانا، چىملىقلاردا ئولتۇرۇپ بىللە كىتاب ئوقۇسا ياكى كەچلىك تاماقتىن كېيىن سافادا ئولتۇرۇپ بىللە كىتاب ئوقۇسا بولىدۇ.

  ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ:

  بىرىنچى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئىخلاس بىلەن ئوقۇش، يۈزەكى ئوقۇش، ئاتلاپ ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ، كونكرېت ئوقۇشلۇققا باغلاپ تۇرۇپ، بالىلارغا مەزمۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، تونۇمايدىغان خەت بولسا لۇغەت ئاختۇرۇشنى، چۈشىنەلمىگەن مەزمۇنلارغا بەلگە قىلىشنى، يەنە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشنى دەپ بېرىشكە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئىلمىي تەۋسىيە قىلىش لازىم. ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئوقۇشلۇق تەۋسىيە قىلغاندا، بالىسىنىڭ بىلىم زاپىسى، تۇرمۇش تەجرىبىسى، چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئويلىشىشى، ئوخشىمىغان يىللىقتىكىلەرگە قارىتا پەرقلەندۈرۈپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ھەمتۈركە بولۇپ ھەمبەھىرلىنىش لازىم. ئاتا-ئانىلار ئوقۇغان ياخشى كىتاب، ياخشى ماقالىلەرنى بالىسى بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ، كىتابنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىغا تەسىراتىنى سۆزلىتىشكە بولىدۇ، يەنە بالىسى ئۆزى ئوقۇغان ياخشى كىتابلارنى ئاتا-ئانىسىغا تەۋسىيە قىلىشقا بولىدۇ. پائال ھەمتۈركە بولۇش، ئۆز ۋاقتىدا ھەمبەھىرلىنىش، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.

  تۆتىنچى، «تەكشىسىز ئوقۇش»تىن ساقلىنىش كېرەك. بەزى بالىلار قىزىقىشى سەۋەبلىك مەلۇم تۈردىكى كىتابلارنىلا ئوقۇپ، نۇرغۇن ياخشى كىتابلارنى ئوقۇمايدۇ، بۇ، بالىلاردا نەزەر دائىرىسى تار، تەپەككۇرى ئاددىي ۋە سۆزلۈكى كەمچىل بولۇش قاتارلىق ھالەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ھەرخىل پايدىلىق كىتابلارنى ئومۇميۈزلۈك ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلارنى مول مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىشقا بولىدۇ. بالىلارنى چۆچەك، كىلاسسىك ئەسەرلەر، داڭلىق كىشىلەر تەرجىمىھالى، رازۋېدكا رومانى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر