باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۇمبۇل چاچلار يەلپۈنمەكتە

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

2018.12.19 10:16   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

سۇمبۇل چاچلار يەلپۈنمەكتە

  11- ئاينىڭ 27- كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانلار گىرىم قىلىش مۇسابىقىسى. (مۇخبىرىمىز ياڭ بىن فوتوسى)

  باش قىشتىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى يەنىلا ئىللىق ئىدى. مەن يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، كۆپلىگەن يېزا ئاياللىرىنىڭ گىرىم قىلىپ، يارىشىملىق ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، پاكىز - رەتلىك تارىنىپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايقىدىم. قىز- ئاياللارنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈشتەك تۇغما تەبىئىتى نامايان بولۇشقا باشلىغان، كىيىنىشى، ياسىنىشى تېخىمۇ مودىلىشىپ، ھويلا- ئارانلىرى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

  11- ئاينىڭ ئاخىرىلىرى، مەن ھويلىمۇھويلا كىرىپ، يېزا ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان گۈزەللىك يېڭى كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  «بىز كەنتتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە»

  11- ئاينىڭ 27- كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرىدا دېھقانلار ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى ئورۇنلىغان «قىز- ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى نامايان قىلايلى» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. نومۇرلار مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، كەنتتىكى «ئالتۇن توغراق» ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى ئورۇنلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل، تانسا مۇسابىقىسى، يەنە ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىقلار مۇسابىقىسى، گىرىم قىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار بار ئىدى.

  يېقىملىق مۇزىكىلارنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇسسۇل مەيدانىدا ئۇسسۇلچىلار جۈپ- جۈپى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى. كۆك رەڭلىك يالتىراق رەختە تىكىلگەن چىپاۋ كۆڭلەك كىيگەن 28 ياشلىق ئاسىمگۈل ئىمىن ھەمراھىنىڭ يېتەكلىشىدە پىرقىراپ تانسا ئويناۋاتاتتى. «ئىلگىرى مودا دېگەن سۆزنىڭ بىز يېزا ئاياللىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەكلا ئىدى، ھازىر ئوخشىمايدۇ، بىز كەنتتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالدۇق!» دېدى ئاسىمگۈل قاپقارا چاچلىرىنى كەينىگە تاشلاپ، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر، بىزنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىمىز يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ».

  ئاسىمگۈل بىلەن ئارتىسلار ئېچىلىپ - يېيىلىپ نومۇر ئورۇنلاۋاتاتتى، سەھنە ئالدىدىكى تاماشىبىنلار ھۇزۇرلىنىش ۋە ھەۋەس قىلىش نەزەرىدە ئويۇن كۆرمەكتە ئىدى، تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۇنىڭ قېيىنئانىسى بۇلىئايشەممۇ بار ئىدى.

  «ئەگەر ياشانغانلار ئورۇنلايدىغان ئۇسسۇل نومۇرى بولغان بولسا، مېنىڭمۇ گىرىم قىلىپ سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئوينىغۇم بار ئىدى!» دېدى بۇلىئايشەم قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا، كەنتتىكى قىز- ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھەر خىل رەڭدىكى ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى كىيىشكە ئامراق ئىدى. ئانامنىڭ بىر قىزىل، يېشىل گۈللۈك ئەتلەس كۆڭلىكى بار ئىدى، كىيىۋالسا بەك چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئانام يەنە ئېشىپ قالغان پارچىسىدا ماڭىمۇ بىرنى تىكىپ بەرگەنىدى، ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ھەر قېتىم مېھماندارچىلىققا بارغاندا كىيىۋالاتتىم. كېيىنچە، نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمىدىم، كەنتنىڭ <كەيپىياتى> ئۆزگىرىپ كەتتى، قىز- ئاياللار بىلەك ۋە پاقالچاقلىرى ئازراقلا ئېچىلىپ قالىدىغان كۆڭلەكلەرنى كىيسە، باشقىلار كەينىدىن قالايمىقان بىلجىرلىشاتتى، ئۇ گەپ- سۆزلەرگە چىدىغىلى بولمايتتى!»

  بۇلىئايشەم ماڭا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كۆڭلۈمگە ناھايىتى ئېنىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى كەنت، مەھەللىلەرنى بۇلغىغانىدى، ئەرلەر قىز- ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىغا يول قويمايتتى، خوتۇنلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشىغا ئۇنىمايتتى، ھەتتا تاماقنى ئۈستەلدىمۇ يېگىلى قويمايتتى، بىر ئوبدان كۈنلىرىمىز يامان ئادەملەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، «ئىس- تۈتەك»لەر ئىچىدە قالغانىدى.

  گەرچە بۇ خىل ھالەتتىن نارازى بولسىمۇ، لېكىن بۇلىئايشەممۇ ئامالسىز ئىدى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، كەنتتە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلىنىپلا قالماي، كەنتتىكى مەدەنىيەت پۇرىقىمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشتى. ھەر خىل تەشۋىقات ۋە دېھقانلار كەچلىك كۇرسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق يۇرتداشلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىدىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. بۇلىئايشەمنىڭ تۆت كېلىنى بار، ئۇ ھازىر كېلىنلىرىنى توپا- تۇمان ھالەتتە سىرتقا چىقماي، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ چىرايلىق يۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان بولدى.

  ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىنىڭ تايانچى راخمان قادىر پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىچىمىز سىقىلىپ ياشايتتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا، خوتۇنۇم بازاردىن سېتىۋالغان كالتە يوپكىسى بىلەن كوپتىسىنى كىيىپ سىرتقا ھەرگىزمۇ چىقالمايتتى، ئەتراپتىكى قۇرۇق غەيۋەت- شىكايەتلەر بەك كۆپ ئىدى، مەنمۇ ئامالسىز بولغاچقا، خوتۇنۇم ئۇۋالچىلىققا قالغانىدى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەددىم رۇسلاندى، خوتۇنۇم نېمە كىيىشنى ياخشى كۆرسە مەن ئۇنى قوللايمەن. ئۇ چىرايلىق ياسىنىپ سىرتقا چىقسا، مېنىڭ يۈز- ئابرۇيۇم ئۈچۈنمۇ ياخشى.»

  راخماننىڭ سۆزىدە ئەكس ئېتىۋاتقىنى ئىلگىرىكى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھالەت ئىدى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى نۇرئامىنە ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئاياللار ناھايىتى بېكىنمە ئىدى، ئاساسەن قازان بېشىدىن نېرى بولالمايتتى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە تۈركۈم- تۈركۈم «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ يېزا ئاياللىرى كارخانىلارغا كىرىپ كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندى، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، ئىدىيەۋى قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.

  ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ

  «بۈگۈن قۇدام ئۆيىمىزگە كېلىدۇ، مېنى روھلۇقراق قىلىپ پەردازلاپ قويۇڭ.» 11- ئاينىڭ 24- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسى يېڭىيەر كەنتىدىكى 47 ياشلىق ئاۋاتنىسا ئابدۇل ئاتايىتەن كەنتتىكى «چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى»غا كەلگەنىدى. گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەينەكتىن ئۆزىنى كۆرۈپ، ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ: «بۇ مەنمۇ؟ چولپانلارغىلا ئوخشاپ قاپتىمەن» دېدى، ئاۋاتنىسانىڭ بۇ گېپى دۇكاندىكى خېرىدارلارنى كۈلدۈرۈۋەتتى.

  ئوخشاش شاد- خۇراملىق كەيپىياتى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى زۇلخۇمار ھەمدۇللانىڭ پەرداز قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىدىمۇ كۆتۈرۈلدى. 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ناھىيە بازىرىدىكى «سەنشىن پەرداز قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى»دا مەن زۇلخۇمارنى كۆرگەندە، ئۇ شاگىرتلىرىغا قاش ياساشنى ئۆگىتىۋاتاتتى. ئۇ چېچىنى سۇس كۈل رەڭدە بويىۋالغان بولۇپ، يەنە بىرنەچچە تۇتام چېچىنى قىزىلغا بويىۋالغانىدى، ئۇچىسىغا پارقىراق قارا رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، ئۆزگىچە لاتاپەتلىك كۆرۈنەتتى.

  نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان زۇلخۇمار كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە بېرىپ پەرداز قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، كېيىن پۇل قەرز ئېلىپ ناھىيە بازىرىدا بىر چاچ ياساش ئورنى ئاچتى. نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ھازىر ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، تۇرمۇش قۇرۇپ بالىلىق بولدى، تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بەختلىك ئۆتمەكتە.

  «مەن داۋاملىق شاگىرتلىرىمغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرىمەن، بۇ قانداقتۇر بىر كۆز- كۆز قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا قىيىنچىلىقنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىنى، تىرىشساقلا چوقۇم ئۆزىمىز ئويلىغاندەك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش مېنى تېخىمۇ گۈزەل قىلدى» دېدى زۇلخۇمار.

  بۇ بىرقانچە يىلدا، زۇلخۇمار گۈزەللىكتىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇپلا قالماي، يەنە گۈزەللىكنى تارقاتقۇچى بولدى. نامرات ئائىلىدىكى 20 نەچچە قىز شۇ جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۇنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ ھۈنەر ئۆگەندى، ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەممىسى دۇكان ئېچىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. «مەن بىر مەزگىلدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرداز قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشنى ئويلاشتىم، يەنە كەسىپنى توي- مۇراسىم گىرىمى، مۇراسىم كىيىمىنى ئىجارىگە بېرىش، سىزما ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىپ، داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ئاچا- سىڭىللارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدىم» دېدى زۇلخۇمار.

  سىرتقى قىياپەت گۈزەللىشىپلا قالماي، ھازىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ، ھەممە يەردە زامانىۋى پۇراق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسى يېڭىيەر كەنتىدىكى گۈلنار مەمەت ئائىلىسىدە، مەن مېھمانخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تامدا بىر قاتار كىيىم ئاسقۇچقا پادىچى كىيىمى ۋە دالا كىيىمى ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. گۈلنارنىڭ تۆت ياشلىق ئوغلى پاختىلىق ئۆتۈكىنى سېلىپ، ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئاياغ جازىسىغا قويدى. گۈلنارنىڭ كىيىم ئىشكاپىنى ئاچقاندا، كىيىمدىكى يۇمشىتىش سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى گۈپپىدە دىماققا ئۇرۇلدى، تەنھەرىكەت كىيىمى ۋە سورۇنلۇق كىيىملەر تۈرلەر بويىچە ئېسىلىپ، كېچىلىك كىيىم ۋە ئۆي ئىچىلىك كىيىملەر رەتلىك قاتلاپ قويۇلغانىدى.

  گۈلنار مۇنداق دېدى: «مەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش دەرسىگە قاتناشقانلىقىمدىن بولدى، ئوقۇتقۇچىلار بىزگە كىيىم قاتلاشنى، كىيىم ئىشكاپىنى رەتلەشنى، ئۆي يىغىشتۇرۇشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، مەن دەرسنى بىر سائەتمۇ قالدۇرماي ئاڭلىدىم. ھازىر كۈنلىرىم ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ ئىكەن!» ئەسلىدە، ئۇ يەنە كەنت تەشكىللىگەن گىرىم قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى كۇرسىغا قاتناشقانىدى.

  يۈزلەردە گىرىم، ئائىلىلەردە كۈلكە

  قىزىل گىلەم سېلىنىپ ئۆلچەملىك T شەكىللىك سەھنە ھاسىل قىلىندى، كۈچلۈك، جانلىق DJ مۇزىكا ساداسى سەھرا دالاسىدا ياڭرىدى.

  11- ئاينىڭ 26- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان يېزىسىدىكى 39 ياشلىق مودېل شازادىخان داۋۇت چىپ كېلىدىغان پادىچى ئىشتىنى، ئېگىز پاشنىلىق قىزىل ئاياغنى كىيىپ، مۈشۈك قەدىمى بىلەن مېڭىپ، بىر بۇرۇلۇشىدا بىر خىل قىياپەتنى نامايان قىلدى، ئۇنىڭ قولىنى سېلىپ مېڭىشلىرى كەسپىي مودېللاردىن قېلىشمايتتى.

  شازادىخانغا ئوخشاش 20 نەچچە يېزا ئايالى T شەكىللىك سەھنىنى ئورىۋالغان بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل رەڭلىك مودا كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىشىپ، سەھنىگە چىقىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. بۇ يېزا- كەنت مودېللار ئەترىتىنىڭ ھازىر 36 ئەزاسى بار، ساغان يېزىسى قوتان كەنتىدىكى ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى 42 ياش، ئەڭ كىچىكى 21 ياش.

  «كىيىم- كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، يېزا ئاياللىرىنى گۈزەللىككە ئىنتىلىشكە ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشكە يېتەكلەش كېرەك» دېدى قوتان كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ كادىرى ھەزىتىئېلى يۈسۈپ.

  «سىز ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداقمىدىڭىز؟» مەن ئەمدىلا سەھنىدىن چۈشكەن شازادىخاندىن سورىدىم.

  «ئىلگىرى ھەر كۈنى ئۆيدىلا ئولتۇراتتىم، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئاسماندىكى قۇشلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم، ئۇلار ھەممە يەرگە ئۇچۇپ بارالايدۇ، ئەمما قازان بېشى مېنىڭ دوستۇم ئىدى، كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى پەقەت كالا- قويلارغىلا ئېيتالايتتىم». ئىلگىرىكى ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا شازادىخان بېشىنى چايقىدى، بىراق ناھايىتى تېزلا بېشىنى كۆتۈردى، قاراشلىرىدىن قەيسەرلىكى چىقىپ تۇراتتى، «ھازىر بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە، شۇنداقلا كەنتتىكى ئەڭ گۈزەل چولپانلار».

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى قارا ياغاچ كەنتىدىكى نىمىنىيازخان ئەخمەتنىڭ چىرايىدىنمۇ ئىشەنچ بالقىپ تۇراتتى. ئۇ كەنتنىڭ توشقان بېقىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن نەپكە ئېرىشتى، ھازىر ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 12 مىڭ يۈەن. پۇلى بار بولدى، كۈچ- قۇۋۋەتكە تولدى، 41 ياشلىق بۇ ئايال دائىم خۇشخۇي يۈرىدىغان بولدى.

  ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئۆسۈمسىز ئاز سوممىلىق قەرز قاتارلىق سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئايالنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدكە تولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان يېڭى ئاياللارغا ئايلاندۇردى، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىگە، تۈرتكە بولغۇچىلىرىغا، تارقاتقۇچىلىرىغا ئايلاندۇردى. بۇ يىل 9- ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى»دىن 2889ى قۇرۇلۇپ، 1962 ئېغىر نامرات كەنتنى قاپلىدى، 7954 ئايال پەرداز قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ماھارىتى كۇرسىغا قاتناشتى، 4203 ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بېيىش يولى بولغاچقا، يېزا ئاياللىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى، ئۇلار گىرىم قىلىدىغان بولدى، ئۆيىدە كۈلكە ساداسى ياڭرىدى. ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن ئۆيلىرىدىن چىقىپ، جەمئىيەتكە سىڭىپ، ئۈمىدكە ۋە قۇياش نۇرىغا تولغان بەخت يولىدا ماڭماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…