باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى ئۇلۇغ ھېكايە»

__ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىق ساداسى دۇنيادا جاراڭلىدى

2018.12.18 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يېشىنى، پىشقان قىران مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، پىشقان دەۋرگە قانداق كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. باسقان يولىمىزنى قايتا ئەسلەپ، باشقىلارنىڭ يولىغا سېلىشتۇرۇپ، يەنە كەلگۈسىدىكى ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر تاشلىساق، ئۆزىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىز، نەگە بارىدىغىنىمىز ئايدىڭ بولىدۇ.بۇ بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىش تەرەققىياتىدىكى چوقۇم باسمىسا بولمايدىغان يول. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىدا، جۇڭگو مۇقىم ھالدا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، ئۇ، «ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى كىشىنىڭ قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان بىر مىسال»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەرەققىيات ئەندىزىسى»گە ئايلاندى.

  بۇ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەت ئالىدىغان بىر يول. 40 يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتەك بۇ جۇڭگونىڭ 2-قېتىملىق ئىنقىلابىنىڭ دۇنياغا بولغان ئەھمىيىتىنى ناھايىتى ئاز كىشىلەر بىلەتتى. 40 يىلدىن كېيىن، بىر قەدىمىي ھەم ياش بولغان جۇڭگو ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قىياپەتتە دۇنيا سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلدى. خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردىكى جۇڭگو ئامىلى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ھالەتتە روشەن بولدى، «دۇنيانىڭ جۇڭگوسى» __ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ غايىلىك ۋە ئىرادىلىك ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇرادى نۆۋەتتە ئەمەلگە ئاشماقتا.

  بۇ، كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ۋە تەپەككۇر قىلدۇرىدىغان بىر ئىزدىنىش يولى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، جۇڭگو يېڭىچە چوڭ دۆلەت قەد كۆتۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقتى، داۋاملىق كۈرەش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، كەمتەر، تىرىشچان بولۇش قاتارلىقلار زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن خاراكتېرى بولۇپ، دۇنيا خەلقى كۈندىن-كۈنگە ھېس قىلماقتا ۋە ھۇزۇرلانماقتا.

  تارىخ، ھامان بەزى ئالاھىدە يىللاردا كىشىلەرگە ئەقىل-پاراسەت، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيدىغان كۈچ ئاتا قىلىدۇ. 2018- يىلى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ھالقىلىق مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. ۋاقىت ۋە بوشلۇق كوئوردېناتىدا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە ئويلانغاندا، بۇنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي مەنىسى شۇنچە ئېنىق ھەم چوڭقۇر بولىدۇ.

  (1)

  «21-ئەسىر جۇڭگونىڭ 1978- يىلىدىن باشلاندى». خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق زاتلار ھەيران قالدى، چۈنكى «بۇ بىر پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان تارىخ ياراتتى، جۇڭگودىكى ئۆزگىرىش دۇنيانىڭ مەركىزىنى شەرققە يۆتكىدى»، جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ئەگىشىپ، «جۇڭگو خەلقئارا مۇناسىۋەتنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ».

  تەرەققىي قىلغان جۇڭگو دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى يېتەكلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل بولۇپ قالدى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ، كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشتەك گۈزەل ئارزۇسىنى تەسۋىرلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، دۇنيا سەھنىسى جۇڭگو لايىھەسىنىڭ چاقىرىق كۈچىگە ئارقا-ئارقىدىن شاھىت بولدى...

  (بۇ يەرنى بېسىپ، تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر